قۇلاق كېسەللىكى

قۇلاق ئېغىرلىق ۋە گاسلىق

قۇلاق ئېغىرلىق ۋە گاسلىق ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نورمال ئاۋازلارنى يېرىم ياكى پۈتۈنلەي ئاڭلىيالماسلىققا قارىتىلغان. ئاۋازلارنى يېرىم ياكى ئېنىق ئاڭلىيالماسلىق قۇلاق ئېغىرلىق، پۈتۈنلەي ئاڭلىيالماسلىق گاسلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۇغما ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىن پەيدا بولغاندىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل بولىدۇ. 

1. بىرىنچىسى، ھامىلە ئانا قورسىقىدىلا ئاڭلاش قۇۋۋىتى يوق بولغان بولىدۇ. شۇڭا تۇغۇلغاندىلا گاس تۇغۇلىدۇ. ئىككىنچىسى، ھامىلە قۇلىقىنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن توختاپ قالغان ياكى قۇلاق تۆشۈكى تۇغما پۈتەي بولغان بولىدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىمۇ تۇغۇلغاندىلا گاس تۇغۇلىدۇ. 

يۇقىرىقىلار كۆپىنچە يېقىن تۇغقانلار نىكاھلىنىش، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانا بەزى كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىش ياكى بەزى دورىلارنى ئىشلىتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. 

2. ياش چوڭىيىپ ياشانغانلىقتىن قۇۋۋەت ئاجىزلىشىپ، مىزاج قۇرۇق سوغۇقلۇققا مايىللىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇقلۇق ۋە سوغۇقلۇقنىڭ زىيادە تېگىشى بىلەن مىزاج قۇرۇق سوغۇققا ئۆزگىرىپ، تەبىئىي ھالدا قۇلاققا تەسىر قىلغانلىقتىن گاسلىق كېلىپ چىقىدۇ. 

3. قۇلاقنىڭ ئاڭلاش قۇۋۋىتى ۋە سېزىم ئەسەبلىرى يىقىلىش، سىرتتىن بىر نەرسە تېگىش زەخىملىنىش سەۋەبىدىن بۇزۇلۇش قۇلاق ئېغىرلىقى ياكى گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

4. كېزىككە ئوخشاش قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردە بۆھران يۈز بېرىپ، كېسەللىك ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە، قۇرۇق ئىسسىق مېڭىگە ئۆرلەپ گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

5. ئىچكى ياكى تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆز ئېتىدالىدىكى ئىسسىق-سوغۇق، ھۆل-قۇرۇق مىجزاجنىڭ بۇزۇلۇشى قۇلاقنىڭ ئىسسىق ياكى قۇرۇقتىن ئۆزگىرىشى ئاڭلاش پەردىلىرىنىڭ ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇپ، ئاڭلاش قۇۋۋەتلىرىنىڭ ئۇلارغا دېگۈدەك ئۆتەلمەسلىكىنى ياكى ئاڭلاش سېزىمىنىڭ ئۆتۈشۈگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئاڭلاش سېزىمى ئاجىزلايدۇ ياكى ئاڭلىيالمايدۇ. 

مىزاجنىڭ سوغوق ئۆزگۈرۈشى قۇلاقنىڭ ئاڭلاش پەردىسىنى قېلىنلاشتۇرۇپ ھەتتا قاتتىقلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ .

مىزاجنىڭ ھۆل ئۆزگۈرىشى ئاڭلاش پەردىسىنى بوشاشتۇرۇپ ،ئاڭلاش ئەسەپلىرىنى ھەرخىل دەرىجىدە سۇسلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ . 

6 قۇيۇق ۋە خام خىلىتلار سىزىم ئسەپلىرىگە قۇيۇلغانلىقتىن ، روھى نەپسانى ئۇ يەرگە ئۈتەلمەي ،قۇلاقنىڭ ئېغىرلىق ۋە گاسلىقىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ . 

7. قۇلاق تۆشۈكىگە توسالغۇ پەيدا بولۇپ، ئاڭلاش ئەسەبلىرىگە ئاۋاز دولقۇنىنى ئۆتكۈزمەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن قۇلاق ئېغىرلىق ياكى گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەزكۇر توسالغۇنىڭ ئۈچ خىل مەنبەسى بار. 

بىرىنچى: قۇلاقتا كىرلەر كۆپلەپ يىغىلىپ قېلىپ، قۇلاق تۆشۈكىنى ئېتىۋالىدۇ. ئىككىنچى: ئۇششاق غەيرىي نەرسىلەر يەنى توپا-قۇم، ئۆلۈك ھاشارەت، ئۇششاق ئۇرۇق قاتارلىقلار قۇلاق تۆشۈكىنى ئېتىۋالىدۇ.  ئۈچىنچى: قۇلاقتىكى يىرىڭلىق چاقا ساقىيىپ پۈتكەندىن كېيىن، قېتىشقان يىرىڭلار قۇلاق تۆشۈكىنى توسۇۋالىدۇ ياكى قۇلاق تۆشۈكىدە ئارتۇق گۆش ۋە سۆگەل بەز پەيدا بولۇپ قېلىشتىن قۇلاق تۆشۈكىنى ئېتىۋالىدۇ. 

8. بەزى دورىلارنىڭ زەھەرلىشىدىنمۇ قۇلاق ئېغىرلىق ۋە گاسلىق كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا ئەپيۇن، نەشە قاتارلىقلارنىڭ ئاڭلاش سېزىم ئەسەبلىرىنى زەھەرلەشتە ئالاھىدە رولى بار. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button