ساغلاملىق بىلىملىرى

بەدىنىڭىزدىكى 7 ئەزا ئاسرىشىڭىزغا موھتاج

  1. پۇت ۋە پۇتىڭىزنى ئاسراڭ:پۇت ۋە يوتا ئادەمنىڭ بارلىق ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. پۇت يەنە ئادەمنىڭ قاتناش قورالى،%50 نېرۋا، %50 قان، %50 تومۇر پۇت ۋە يوتىغا جايلاشقان. پۇت ۋە يوتىغا جايلاشقان بوغۇملار ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاسان زەخىملىنىدۇ. يۈك بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە، مېڭىش ھالىتى تۈز بولمىسا، سوغۇق ھاۋا تەسىر قىلسا پۇت ۋە يوتا ئاسانلا زەخىملىنىدۇ. شۇڭا پۇت ۋە يوتىنى ئاسراشنى 20 ياشلاردىن تارتىپ باشلاش كېرەك. بولۇپمۇ كۆپ يول ماڭمايدىغان، داۋاملىق ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغانلار پۇتىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەك. ئورۇقلاش، پۇتىنى ئىلمان سۇدا يۇيۇش، پات-پات ئاپتاپقا قاقلاش قاتارلىق ئۇسۇللار پۇتىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ ۋە سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
  2. ئۈچىيىڭىزنى ئاسراڭ:ئۈچەي يولىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ياخشى، ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سىغىمى يەنىلا چەكلىك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈچەيدىكى توكسىن ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئۈچەينى ئاسراش ئۈچۈن چوقۇم ئېغىزنى ئوبدان باشقۇرۇش كېرەك، بەك تاتلىق ۋە ياغلىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. ئۈچەينى ئاسراش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئىككى ئىستاكان سۇ ئىچىش ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ئادەتنى يېتىلدۈرگەندە كېچىدە خوراپ كەتكەن سۇ مىقدارىنى تولۇقلىغىلى، راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. قەنتلىك يېمەكلىكلەر ئۈچەينىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ 30 گرام تالالىق يېمەكلىك يېيىش كېرەك.
  3. ئاشقازاننى ئوبدان ئاسراش كېرەك:ئاشقازاننىڭمۇ ھەجىمى چەكلىك بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە باشقا ئەزالارمۇ بولغاچقا، تاماقنى بەك كۆپ يېگەندە ئاشقازان كۆپۈپ بىئارام بولۇش ئەھۋالى پەيدا بولىدۇ. تاماقنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىش ۋە ئەتىگىنى ناشتا قىلماسلىق ئاشقازاننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى. بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماق چوقۇم ۋاقتىدا يېيىلىشى ۋە مىقدارى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. قورساق بەك ئېچىپ كەتمەسلىكى ياكى بەك تويۇنۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھەر ۋاق تاماقنى چوقۇم يەنە ئازراق يېسەم بولاتتى، دېگۈدەك يېيىش كېرەك. غىدىقلاش رولى بار بولغان يېمەك-ئىچمەكنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك، مەسىلەن: كۈچلۈك ھاراق، قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەر دېگەندەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىنى كۆپ ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
  4. ئاشقازان ئاستى بېزى كەيپىياتىڭىزنى تۇرۇقلاشتۇرۇشىڭىزغا موھتاج:ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ رولىنى بەزى كىشىلەر ئۇقماسلىقى مۇمكىن، ئاشقازان ئاستى بېزى ئادەم بەدىنىدىكى 2-چوڭ ھەزىم قىلىش بېزى. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ھەزىم قىلغۇچى ئېنزىم ۋە ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشتۇر. ئەگەر ئاشقازان ئاستى بېزى كاردىن چىقسا، ئۇنداقتا قاندىكى قەنت مىقدارى ئۆرلەپ كېتىپ، دىئابېت كېسىلى پەيدا بولىدۇ. تالنىڭ ئاساسلىق رولى قاننى سۈزۈشتۇر، داۋاملىق ئاچچىقلاش تالنىڭ رولىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر قانداق بىر خىل كەيپىيات تال ۋە ئاشقازان ئاستى بېزىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ كۆپ ئويلىنىش. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى شۇكى، ئادەتتە بىر ئىشلارنى بەك كۆپ ئويلاپ كەتمەسلىك، تۇرمۇش ئادىتى تەرتىپلىك بولۇش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، بامبۇك نوتىسى، ھەسەل قاتارلىق تىنچلاندۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
  5. جىگەر تاماكا ۋە ھاراقنى تاشلىشىڭىزغا موھتاج:جىگەر بەدەندىكى ئەڭ چوڭ بەز، ئۇ خۇددى بىر غايەت زور خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى زاپاس ساقلاش، مېتابولىزم ۋە زەھەر پارچىلاشتۇر. كىشىلەر ئېغىر ئەمگەك قىلغاندىن كېيىن، جىگەر ھەر خىل مېتابولىزم ئېلىپ بېرىشقا كىرىشىدۇ ھەمدە خورىغان ئېنىرگىيىنى تولۇقلايدۇ. كۆپ كۆرۈلىدىغان جىگەر كېسەللىكلىرىدىن جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىشىش ۋە جىگەر راكى قاتارلىقلار بار. شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم تېرىق، لامنارىيە، كۆك ئالما، سۈت قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ تۇرۇش كېرەك. جىگەرنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ھاراق ۋە تاماكا، تاماكىدىكى نىكوتىن جىگەرنى زەخىملەندۈرىدۇ، ئىسپرت جىگەر قېتىشىش ۋە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە كەچلىك ئۇيقۇغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، چۈنكى كېچە سائەت 11:00 دىن باشلاپ جىگەر مېتابولىزم ئېلىپ بارىدۇ.، بۇ ۋاقىتتا ئوبدان ئۇخلاش، جىگەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.
    6. يۈرەك سىزنىڭ ئاسرىشىڭىزغا موھتاج:يۈرەكنىڭ ئىقتىدارى ھەممىمىزگە ئايان، يۈرەك بەدەنگە قان يەتكۈزۈشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە بەدەندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى، بۇنىڭ بىلەن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شوخلا، قىزىل ئالما، قىزىل ئۈزۈم، چىلان قاتارلىق يېمەكلىكلەر، شۇنداقلا يەنە ياڭاق، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق يېمەكلىكلەر يۈرەككە ئىنتايىن پايدىلىق. ئىتتىك مېڭىپ بېرىشمۇ يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
    7. بۇرنىڭىز زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىزغا موھتاج: بۇرۇننىڭ رولىمۇ ئىنتايىن چوڭ، بۇرۇن زۇكامدىن ئەڭ قورقىدۇ، بۇرۇندىنمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.  مەسىلەن: بۇرۇن قاناش، جىددىي خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، بۇرۇن ۋە يۇتقۇنچاق راكى دېگەندەك . شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇرۇننى بەك كۆپ كولىماسلىق، تاماكىنى ئاز چېكىش ئارقىلىق بۇرۇننى ئوبدان قوغداش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button