ئۇزۇقلۇق ئىلمى

تۇخۇمنىڭ سېرىقى قانچە سېرىق بولسا شۇنچە قۇۋۋەتلىكمۇ؟

كىشىلەر تۇخۇمنىڭ سېرىقى قانچە سېرىق بولسا، ئوزۇقلۇق قىممىتى شۇنچە يۇقىرى، شۇنچە قۇۋۋەتلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئۇنداقتا بۇ قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟

تۇخۇم سېرىقىنىڭ سېرىق رەڭگى كىسانتوفىل قاتارلىق كاروتېنوئىدلاردىن كېلىدۇ، كىسانتوفىل ئەسلىي ئۆسۈملۈككە تەۋە تەركىب بولۇپ توخۇدا بولمايدۇ، توخۇلار پەقەت يەم ياكى سۇ ئارقىلىق كىسانتوفىلغا ئېرىشىدۇ.

ئەمەلىيەتتە تۇخۇم سېرىقىنىڭ قېنىق ياكى سۇس بولۇشى بىلەن ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق. تۇخۇمنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق تەركىبى ئاقسىل، ماي، لېتسىتىن، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كىسانتوفىل گەرچە ئوزۇقلۇق ماددىغا تەۋە بولسىمۇ، كۆكتاتلاردا مول بولغاچقا، تۇخۇم ئارقىلىق قوبۇل قىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق. ئوخشاش تۈردىكى توخۇلارنى سىرتتا يايلىتىپ باققان، كاتەكتە باققان ياكى قەپەزدە باققان ئەھۋالدا بېرىلگەن يەملىرى ئوخشاش بولسىلا تۇخۇملىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button