ساغلاملىق بىلىملىرى

چىش يىلتىزىڭىزدىن بۆرەك ۋە ئاشقازىنىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى بىلگىلى بولىدۇ

1.چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىپ قالسا، ئاشقازان ياللۇغى ياكى «ئاشقازان چارچىغان» لىقنىڭ ئىپادىسىدۇر
جۇڭگو تېبابىتى چىش مىلىكى بىلەن ئاشقازان، ئۈچەيلەر مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. پەقەتلا چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىپ قالسا بۇ ئەھۋال كۆپىنچە ئاشقازاننى ئىسسىق تۇتىۋالغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ بەلكىم ئاشقازان ياللۇغى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. ئەگەر چىش مىلىكى قىزىرىپ ئىششىش بىلەن بىرگە چىش مىلىكى بوشىشىش، ئېغىز پۇراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە بۇ كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا چىش ئەتراپى ياللۇغى بولىدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبى كالتسىينى سۈمۈرۈش يېتەرلىك بولماسلىق، چىشنى پاكىز چوتكىلىماسلىقتىن باشقا يەنە  ئېغىر دەرىجىدە چارچاش ۋە كېسەلگە قارشى ئىقتىدارى (ئىممۇنىتېت) تۆۋەنلەش سەۋەبىدىن بولىدۇ.

  1. چىش مىلىكىدىن قان چىقسا، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشى ياخشى ئەمەس

پەقەت چىش ياللۇغى ۋە چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىدىن چىش مىلىكى قانايدۇ دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئادەتتە ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشى ياخشى بولمىغان بىمارلاردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا غىدىقلاش خاراكتېردىكى يېمەكلىكىنى ئاز يېيىش كېرەك. چىش ئارىچى كېڭىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قان چىقىش كۆرۈلسە، بۇ دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى. ئەگەر ئاغرىپ قالغان ۋاقتىڭىزدا چىشىڭىز قارىيىپ، سوغۇقتەك ھېس قىلسىڭىز، چىشىڭىز ئۇزىراپ، داغلىشىپ قالسا، بۇ خىل ئەھۋال كېسىلىڭىزنىڭ ئېغىرلاشقىنىنىڭ ئىپادىسى. بۇنداق ۋاقىتتا ھۇشيار بولىشىڭىز كېرەك.

  1. چىش بوشىشىش، سۆڭەك بوشىشىشنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى
    چىش بوشىشىپ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى چىش يىلتىزىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك توقۇلمىلارنىڭ بوشىشىپ كېتىشى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىزبالدۇر ئالدىنى ئېلىش، يەنى كالتىسىي ئىستېمال قىلىشىمىز، قانۇنىيەتلىك بەدەن چېنىقتۇرۇشىمىز ھەمدە دائىم چىشنى ئاسراپ، پاكىز تۇتىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا چىش بوشىشىش ۋە چىشنىڭ داغ بولۇپ قېلىشى يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتىرى بولىشى مۇمكىن. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشچە چىشى كۆپ چۈشۈپ كەتكەن ياشانغانلارنىڭ سەكتە بولۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭلاشقا يىمەكلىكلەرنى كۆپ چايناشمۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئازايتىدۇ. يەنى يۈرەكتە مەسىلە بار ئادەم، نەرسىلەرنى چاينىمايلا يۇتۇشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.
  2. چىش يىلتىزى تېشىغا چىقىپ قالغان بولسا، بۆرىكىڭىز «جاپا تارتىپ قاپتۇ»

چىش بىلەن بۆرەكنىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ قويۇق. شۇڭلاشقا بىر ئادەمنىڭ چىشىنىڭ تەرەققى قىلىشى ياخشى بولمىسا، بۆرىكىمۇ ياخشى بولمايدۇ. ئەگەر قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ چىشى بوشىشىپ، چىش يىلتىزى سىرتقا چىقىپ قالسا، چىش مىلىكىدىن ئاق رەڭ ئارلاش قان چىقسا، بۇ ئۇ كىشىنىڭ بۆرەك بېسىمىنىڭ ئارتىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button