تۆھپىكار ئوستازلار

تارىم(دېھلارما)

تارىم (مىلادى 1279- 1348- يىللىرى ياشىغان) ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خان جەمەتىدىن بولۇپ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پايتەخت خانبالىق (ھازىرقى بىيجىڭ شەھىرى) تا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان مەشھۇر دورىگەر، دوختۇر ۋە ئارخىتېتىكتۇر. ئۇنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى ھەققىدە ”يۈەن سۇلالىسى يېڭى تارىخى“ نىڭ 193- جىلىدى ۋە ”يۈەن سۇلالىسى تارىخى“ نىڭ 144- جىلىدى يەنى ”تارىم تەزكىرىسى“ دە قىممەتلىك خاتىرلەر قالدۇرۇلغان. ”يەن سۇلالىسى يېڭى تارىخى“ نىڭ 29- قىلىدى يەنى ”ئۇرۇق- نەسەب جەدىۋىلى“ گە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئالىملىرى قاتارىدىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.
تارىم پادىشاھ يۈەن چىڭزۇڭ (مىلادى 1294- 1307 يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان) ۋە يۈەن شۇندى (مىلادى 1333- 1368- يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان) نىڭ يېنىدا 9 يىل دوختۇرلۇق قىلغاندىن باشقا ھاياتىدا ئوردا دوختۇرلۇق- دورىگەرلىك مەھكىمىسىنىڭ دورغاچى، خۇبىي، شەننەن ئۆلكىلىرىنىڭ (يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۆلكىلەر ھازىرقىدىن كىچىكرەك بولۇپ 道 دەپ ئاتىلاتتى) قوشۇمچە ئەدىلىيە ئىشلىرى نازارەتچىسى، باش مۇپەتتىشى، قوشۇمچە خېدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەدىلىيە ئىشلىرى نازارەتچىسى، يەننەن ئۆلكىسىنىڭ قوشۇمچى باش مۇپەتتىشى، جىنىڭ ئۆلكىسىنىڭ باش بۇغى(ئاغلاقچى)، فۇجىيەن ئۆلكىسىنىڭ ئەدىلىيە ئىشلىرى نازارەتچىسى، يۇقىرى ئاستانە قوغداش- خەۋەرلىشىش لەشكىرى ئىشلار بېگى، جۈندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باش تەپتىشى، يۇقىرى ئاستانە مۇھاپىزەتچىلەر بېگى، خېنەن مەمۇرىي ئۆلكىسىنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى، پايتەخت باش ئۆلىمالار پەرمانبەردارى، سەنشى مەمۇرىي ئۆلىكىسىنىڭ ئوتتۇرانچى ۋەزىرى قاتارلىق مۇھىم ۋە يۇقىرى مەنسەپلەردە بولغان.
مۇڭغۇل قوشۇنلىرى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلغاندا مۇڭغۇل خانلىرىنىڭ بۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچى، تەرجىمان، دوختۇر، ھۈنەرۋەن، دورىگەر، بىناكار قاتارلىقلارغا ئېتىبار بىلەن قاراپ ئۇلارنى خانبالىققا ئېلىپ كېتىش توغرىسىدىكى پەرمانىغا ئاساسەن ھازىرقى تۇرپان، جىمسار قاتارلىق جايلاردىن نەچچە يۈز ئائىلىلىك ئىختىساس ئىگىلىرى ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كېتىلىپ كەسپىي خىزمەتلەرگە قويۇلغان. شۇ چاغدا تارىمنىڭ بوۋىسى سانجىس بىلەن دادىسى داۋتۇڭمۇ ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن. سانجىس پادىشاھنىڭ ئىنىسى ۋۇجىننىڭ مەخسۇس ئوقۇتقۇچىسى، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇتۇق ۋالىيسى قاتارلىق مەنسەپلەرگە قويۇلغان. دادىسى داۋتۇڭ شىنجۇ ئوبلاستىنىڭ باش بۇغى، جىياڭجې مەمۇرىي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىرى، سىياسەت مەسلىھەتچىسى، دىۋان ۋازارەت مۇئەككىلى قاتارلىق مۇھىم مەنسەپلەرگە قويۇلغان.
تارىم كىچىكىدە تىرىشچان ھەم سۆزمەن بولۇپ، دەسلەپ ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن تەلىم ئالغان. كېيىن مۇڭغۇلچە ۋە خەنزۇچە تىل- يېزىقلارنىمۇ تىرىشىپ ئۆگەنگەن. لېكىن ئۇ ئەمەلدار بولۇشنى خالىماي، دادىسىنىڭ ئەمەلدار بولۇش توغرىسىدىكى نەسىھەتلىرىنى رەت قىلىپ شىنجاڭدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر دوختۇر، دورىگەرلەرنى ئۇستاز تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگەنگەن. بولۇپمۇ ئۆز دەۋرىدە شىنجاڭدا يۇقىرى شۆھرەت قازانغان دوختۇرلار ۋە دورىگەرلەرنىڭ رىسالىلىرىنى، مۇھىم رېتسىپلارنى، دورا ياساش، تەڭشەش، دورا ئۆسۈنلۈكلىرىنى پەرق ئېتىش، دورا مىقدارىنى بەلگىلەش، تومۇر تۇتۇپ دىئاگنۇز قويۇش جەھەتتىكى مول تەجىرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرگەن ھەمدە دوختۇرلۇق، دورىگەرلىك كەسپىي بىلىملىرى ئۈستىدە خېلى چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان. نۇرغۇن ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ ئەۋرىشكىلىرىنى توپلاپ، دورا ياساش، سىناق قىلىش، ئەمەلىي ئىشلىتىش ھەم يۈزلىگەن بىمارلارنى ئازاپتىن خالاس قىلىش ئارقىلىق خېلى داڭلىق دوختۇر بولۇپ قالغان. شۇڭا قۇرامىغا يەتكەندە ئالدى بىلەن يۇقىرى ئاستانە (ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلدىكى جىڭلەن خۇشۇنى چىگرىسى ئىچىدە بولۇپ، بۇ جاي مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ تۇنجى پايتەختى ئىدى.) دە قۇرۇلغان ئۇيغۇر دورىگەرلىك مەھكىمىسىگە تېخنىكىلىقلىققا تەكلىپ قىلىنغان. كېيىن تارىمنىڭ دورىگەرلىك ۋە دوختۇرلۇق سەھەسىدىكى داڭقىنى ئاڭلىغان مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىرى ئۇنى تايدۇ (ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى بولۇپ مۇڭغۇلچە ”پايتەخت“ دېگەن مەنىدە) دىكى ئۇيغۇر دورىگەرلىك مەھكىمىسىگە يۆتكەپ كەلگەن. بۇ جاينىڭ شارائىتى خېلى ياخشى بولۇپ ناھايىتى قىممەتلىك ئاسانلىقچە تېپىلمايدىغان دورا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېپىلمايدىغان دورا- ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەۋرىشكىلىرى تولۇپ ساقلانغان، دورىگەرلىك، ساقلىقنى ساقلاش ۋە داۋرالاشقا دائىر كىتابلار، رېتسىپلارمۇ ساقلانغان. تارىم بۇ شارائىتتىن پايدىلىنىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ كەسپىي بىلىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. پايتەختتىكى خان- پادىشاھلار، ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى داۋالىغاندىن تاشقىرى يېكى دورىلارنى كەشىپ قىلغان، يېڭى بايقالغان كېسەللىكلەرگە دىئاگنۇز قويغان ۋە داۋالىغان.
تارىمنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى بىلىمىگە قائىل بولغان مۇڭغۇل خانلىرى ئۇنى چىڭزۇڭنىڭ دادې 11- يىلى (مىلادى 1307- يىلى) بىر نەچچە دەرىجە ئاتلىتىپ ئۆستۈرۈپ ئوردا دورىگەرلىك مەھكىمىسىنىڭ دورغاچلىقىغا تەيىنلىگەن. بۇ چاغدا مەنسەپپەرەس مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ئەمدىلا 28 ياشقا كىرگەن تارىمنىڭ ئوردىدا بۇنداق چوڭ مەنسەپكە ئولتۇرغىنىغا ھەسەت قىلىپ پادىشاھ چىڭزۇڭ تۆمۈرگە ئەرز قىلىپ مەسلىھەت بەرگەن بولسىمۇ ئەمما تارىمنىڭ پايتەختتىكى ئابروي- مەرتىۋىسى شىكايەت قىلغۇچىلار ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن. ئۇ ئوپردا دورىگەرلىك مەھكىمىسىدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئۇستىلارغا تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك  قىلىش، ھەر خىل ئىشلارغا تەقسىم قىلىپ باشقۇرۇش، مەھكىمىنىڭ تامغا، ھېسابات، ئۈسكۈنە، خام ئەشيا، قىرائەتخانا قاتارلىق ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلغاندىن تاشقىرى، مەھكىمىگە قاراشلىق تىببىي مەكتەپكە ئىچكى كېسەللىك، تاشقى كېسەللىك، نېرۋا، سۆڭەك كېسەللىكلىرىنى داۋالاش بىلىملىرىدىنمۇ دەرس بەرگەن. ئۇ يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ دورىگەرلىك مەھكىمىسىگە 20 نەچچە يىل مەسئۇل بولۇپ ئىشلەش جەريانىدا نەچچە مىڭلىغان ئىختىساسلىق تىببىي خادىملارنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇپلا قالماستىن بەلكى دورىگەرلىك ۋە داۋالاش ئىشلىرىغىمۇ گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ دورىگەرلىك ۋە داۋالاشقا ئائىت مول بىلىمى ئاساسىدا ئون نەچچە كىتاب يازغان. ئۇنىڭ بۇ كىتابلىرى ئۆز دەۋرىدە قايتا- قايتا نەشىر قىلىنىپ دەرىسلىك، قوللانما ۋە دەستۇر سۈپىتىدە ناھايىتى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلگەن. ئەپسۇسكى كېيىنكى زامانلاردىكى ھۆكۈملانلارنىڭ ئېتىبار قىلماسلىقى، يۈەن سۇلالىسىنڭ ئاخىرلىرىدىكى دەھشەتلىك كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشلار، يېغىلىقلار ۋە دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ چاڭ- توزانلىرى ئىچىدە ئۇ كىتابلارنىڭ بىرەر ۋارىقىمۇ ساقلىنىپ قالمىغان.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button