سەھىپە ئايرىلمىغانقۇلاق كېسەللىكى

قۇلىقىمىزنى قانداق ئاسرىشىمىز كېرەك؟

 قۇلاق مۇھىم ئەزالارنىڭ بىرى. پاڭ بولۇپ قېلىش كىشلەرگە ناھايىتى ئېغىر ئازاب كەلتۈرىدۇ. بەزىلەر، ھەتتا پاڭلىقتىن كېيىن گاچا بولۇپ قالىدۇ. قۇلاقنى قاتتىق ئاۋازلاردىن، ھاۋانىڭ قاتتىق دولقۇنىدىن، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇشلاردىن ساقلاش لازىم. قۇلاقنىڭ ئاڭلاش پەردىسى ناھايىتى نازۇك بولغاچقا، ئۇ ئاسانلا يىرتىلىپ كېتىپ، پاڭلىق ياكى ئۇزاققىچە ساقايمايدىغان قۇلاق ياللۇغلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قۇلاقنىڭ ئىچىگە توپا − چاڭ، قۇم، سۇ ۋە ھاشاراتلار كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ئايروپىلان ۋە ئېگىز جايلارغا چىققاندا قۇلاققا پاختا تىقىۋېلىش  شىددەتلىك قاتتىق ئاۋازلار، توپ ئاۋازى ئاڭلانغاندا قۇلاقنى قولدا توسۇپ، ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇش كېرەك. بۇنداقتا قۇلاق ئىچكى بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ. قۇلاققا كىر توشۇپ قالغاندا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن تازىلاپ تۇرۇش مۇمكىن. لېكىن قۇلاقنى ھەرخىل  ياغاچ، مېتال ۋە پاسكىنا نەرسىلەر بىلەن كولىماسلىق لازىم. قۇلاق ئىچى قىچىشقاندا پاختا يۆگەلگەن پىلىكۈچ بىلەن يەڭگىل كولىسا بولىدۇ. قولنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى تىقىپ قاتتىق كولاش خەتەرلىك، پاڭ بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بالىلارنىڭ قۇلاق مونچىقىنى سوزماسلىق لازىم. يۇيۇنغاندا قۇلاق ئىچىگە كىرىپ قالغان سۇ ۋە سوپۇن قالدۇقلىرىنى پاكىز پاختا بىلەن تازىلاپ قۇرۇتۇۋېتىش لازىم. قۇلاق ئىچىگە پۈلەش، ۋارقىراش خەتەرلىك. قۇلاق سۇپرىسى ئىسسىق – سوغۇقتىن ئاسان تەسىرلىنىدىغان ۋە ئاسان ئۈششۈپ قالىدىغان بولغاچقا، ئۇنى ئوبدان ئاسراش كېرەك. يېقىملىق ئاۋازلارنى ئاڭلاش، مەسىلەن: ھەرخىل يەڭگىل مۇزىكا ۋە ناخشا ئاۋازلىرى قۇلاقنىڭ ئاڭلاش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

 (1) قۇلاقنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. قۇلاققا توشۇپ قالغان قۇلاق كىرلىرىنى تازىلاپ تۇرۇش، قالايمىقان كولىماسلىق، قۇلاق سېغىز تىقىلمىسى بولغان ئەھۋالدا ئاستىدا قۇلاقنى تازىلىتىش لازىم.

(2) ئاڭلاشقا تېگىشلىك بولمىغان غەيرى يۇقىرى ئاۋازلاردىن ساقلىنىش. (3) سوغۇقلۇق كەيپىياتقا دىققەت قىلىپ، قۇلاققا نىسبەتەن سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئالاھىدە ساقلىنىش لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button