تۆھپىكار ئوستازلار

موللا يۈسۈپ يەركەندى

موللا يۈسۈپ يەركەندى (تەخمىنەن 19- ئەسىرلەردە ياشىغان) ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مەشھۇر ئالىمى بولۇپ، يەكەن شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك چاغلىرىدا يەكەندىكى داڭلىق مەدىرىسلەردە ئانا تىلى ۋە ئەرەپ- پارىس تىللىرىنى ئۆگەنگەن. ياش چاغلىرىدا شۇ مەدىرىسەلەردە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كەسپىنى ئوقۇغاندىن كېيىن تېبابەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ يەكەن خەلقى ئارىسىدا ئابروي قازانغان. 1887- يىلى ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا دائىر تەجىربىلىرىنى يەكۈنلەپ چاغاتاي تىلىدا ”تېرىقۇل ئىلاج“ ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يازغان. ئۇنىڭدا ئاساسلىق ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمىنىڭ كېسەللىكلەرگە دىئاگنۇز قويۇش، داۋالاش پىرىنسىپلىرى ۋە ھەر خىل ئىچكى- تاشقى كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇللار ۋە دورا ھەم دورا نۇسخىلىرى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ تۈركىي نۇسخىدىكى مەشھۇر ئەسەرنى ھازىرقى زامان تېۋىپلىرىمۇ ناھايىتى قەدىرلەپ ئوقۇيدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button