سەھىپە ئايرىلمىغانقۇلاق كېسەللىكى

دىققەت! قولاق غوڭۇلداشقا 5 چوڭ كېسەللىك خەۋپى يۇشۇرۇنغان

يادرولۇق ئەسكەرتىش: مۇتەخەسسىسلەر، قولاق غوڭۇلداش ئاددى ئەمما چاستوسى كۆپ، سەۋەبى مۇرەككەپ بولۇپ، قولاق غوڭۇلداش بەزىدە يالغۇز ئاددىي ھالدىكى كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ قالماستىن، بەلكى دائىم كۆرۈلىدىغان قولاق ۋە پۈتۈن بەدەندىكى كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى سىگنالى بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.

1. قولاق كېسەللىكى
قولاق ئىچىدە غەيرىي ماددا بولۇش، ياللۇغلىنىپ ئىششىش سەۋەبىدىن قولاق ئېتىلىپ قېلىش، قولاق پەردىسىگە قان تولۇپ قېلىش، ئىچكى غوڭۇلداش (内响)، قولاق تېشىش، ئوتتۇرا قولاققا سويۇقلۇق يىغىلىپ قېلىش ياكى ياللۇغلىنىش، قولاق قېتىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتكۈزۈشچانلىق قولاق غۇڭۇلداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ خىل قولاق غوڭۇلداشنىڭ ئالاھىدىلىكى تاق تەرەپلىمىلىك، يەنى قولاق غوڭۇلداش پەقەت كېسەل بولغان بىر تەرەپتىلا كۆرۈلۈش، غوڭۇلداش ئاۋازى تۆۋەن، رېتىملىق، مەسىلەن «غۇڭ، غۇڭ»، «زىڭ زىڭ» قىلغان ئاۋازلار بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

2. نېرۋا ئاجىزلىشىش
قولاق غوڭۇلداش يەنە جەمئىيەت مۇھىتى، پىسىخىكا ئامىلى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئادەمنىڭ كەيپىياتى غەمكىن، تەشۋىشلىك بولسىمۇ قولاق غوڭۇلداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
نېرۋىسى ئاجىزلاشقانلاردا دائىم قولاق غوڭۇلداش بولىدۇ.

بۇ خىل قولاق غوڭۇلداش ئاۋاز تۆۋەن، كۆپ ھالدا قوش تەرەپلىمىلىك، يەنى قولاقنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدە كۆرۈلۈش، يانداشما باش ئاغىرىش كۆرۈلۈش، باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
ئۇنىڭدىن باشقا، بەدەن ئاجىزلىشىش، قان تومۇرنىڭ كېڭىيىشى يېتەرلىك بولماسلىق، قىسمەن قىسىمدا قان تەمىنلەش ناچار بولۇش قاتارلىقلارمۇ قولاق غوڭۇلداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋەتەن تېبابىتىدە بۇ بۆرەك ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى دېيىلىدۇ.

3. بويۇن كېسەللىكى
بويۇن ئىششىش ياكى باشقا بويۇن كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش، بويۇن ئارتېرىيەسىنى بېسىۋالغاندا، بېسىمغا ئۇچرىغان بىر تەرەپتە قولاق غوڭۇلداش كۆرۈلىدۇ.
بۇ خىل غوڭۇلداشنىڭ ئالاھىدىلىكى: داۋاملىشىشچانلىق، ئاۋاز تۆۋەن، قولاق غوڭۇلداش بەدەن قىسىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىككە ئىگە.

4. زەھەرلىنىش كېسەللىكى
دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئانتىبىئوتىكلار مەسىلەن گېنتامىتسىن (庆大霉素)، تىرپتومىتسىن (链霉素)، كانامىتسىن (卡那霉素) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلاش نېرۋىسى ۋە ئالدىنقى دالان نېرۋىلىرىغا زەھەرلەش رولى بار. بۇ خىل ئانتىبىئوتىكلارنى داۋاملىق ئىشلەتكەندە، دەسلەپتە قولاق غوڭۇلداش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

بۇ خىل غوڭۇلداشنىڭ ئالاھىدىلىكى ئاۋاز يۇقىرى، قوش تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا دورا ئىشلىتىش توختىتىلمىسا، تېزدىن تەرەققىي قىلىپ قولاق ئېغىرلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەمدە بۇنى ئاسانلىقچە داۋالىغىلى بولمايدۇ.

5. شاۋقۇن-سۈرەننىڭ زەخمەت يەتكۈزۈشى
قىسقا ۋاقىت كۈچلۈك شاۋقۇن-سۈرەنلىك جايدا تۇرغاندا ياكى ئۇزۇن مۇددەت شاۋقۇن-سۈرەن جايدا (مەسىلەن كەسپىي شاۋقۇن-سۈرەن) قاتارلىق جايلاردا تۇرغاندا، ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە قولاق غوڭۇلداش، باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئېغىر بولغاندا، فونىزم ۋە نېرۋا ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button