ساغلاملىق بىلىملىرى

دائىم ئىستېمال قىلىنىدىغان تەم تەڭشىگۈچلەر ۋە ساغلاملىق

تەم تەڭشىگۈچلەر – تەبىئىي ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى ھەم تەڭشىگۈچلەر، مەسىلەن: كاۋاۋىچىن، قوۋزاق دارچىن، شاكال بەدىيان، ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ، ناۋات، قارا شېكەر، ئاق شېكەر، قەنت، قارىمۇچ، زىرە، كۈنجۈت،سىيادان، زەرچىۋە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا پۇراق ماددىسى بار بولغاچقا، ئادەتتە ئۇلار خۇش پۇراق پۇرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەم تەڭشىگۈچلەر يېمەكلىكلەرنىڭ مەززىلىك پۇرىقىنى كۈچەپتىپ، غەيرىي پۇرىقىنى چىقىرىپ تاشلاش ۋە تەمىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تەم تەڭشىگۈچلەر ئوزۇقلىنىشنى كۈچەيتىش، يېمەكلىكلەرنىڭ تەم ۋە پۇرىقىنى ياخشىلاپ، غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش، يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتى جۈملىدىن رەڭگىنى ياخشىلاش ۋە ئورگانىزمنىڭ كىسلاتا – ئىشقارلىقىنى تەڭشەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. لېكىن ئۇنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا مىقدارى ئاز ياكى كۆپ بولۇپ قالماسلىقى لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button