ئۇزۇقلۇق ئىلمى

ئاقسىلنى خالىغانچە تولۇقلاشقا بولمايدۇ

ئاقسىل بەدەندىكى ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلارنىڭ مۇھىم تەركىبى، چاچ، تېرە، مۇسكۇل، سۆڭەك، ئىچكى ئەزا، قان ۋە قاننىڭ توشۇلۇشى ئاقسىلدىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا بەدەنگە ئاقسىل تولۇقلاش ئىنتايىن مۇھىم، بىراق ئۇنى قالايمىقان تولۇقلاشقا ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى ئاقسىل 20 نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتانىڭ ئوخشىمىغان نىسبەتتە بىرىكىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئاقسىل ئەلا ئاقسىل، بۇ خىل ئاقسىل بەدەنگە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ؛ يەنە ياخشى ئاقسىلمۇ بار، بۇ خىل ئاقسىل بەدەنگە قوبۇل قىلىنسىمۇ، بىراق قوبۇل قىلىنمىقى تەس؛ ئاخىرقى بىرى ناچار ئاقسىل، بۇ خىل ئاقسىل سۈمۈرۈلمەيدۇ، ھەتتا جىگەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «تۇخۇمدىكى تۇخۇم ئېقى ئاقسىلى، سۈتتىكى سۈت ئاقسىلى، كۈزلۈك پۇرچاقتىكى ئايرىغۇچى ئاقسىل ئەلا ئاقسىلغا تەۋە؛ ياخشى ئاقسىل ئادەتتە بۇغداي، ئارپىلاردا بولىدىغان گلىئادىن ئاقسىلىدۇر؛ ناچار ئاقسىل قوناقتىكى كۆممىقوناق يېلىمى ئاقسىلى، ھايۋان ئەزالىرىدىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما ئاقسىلى، گۆشتىكى يېلىم ئاقسىلى، باقىلەدىكى لېگومىن ئاقسىلى.

بەدەننىڭ كۈندىلىك ئاقسىل ئېھتىياجىنى مۇنداق ھېسابلاشقا بولىدۇ: بەدەن ئېھتىياجلىق ئاقسىل = بەدەن ئېغىرلىقى (كىلوگىرام) 1.0+ (گىرام/كىلوگىرام). بىر تۇخۇمدا 10 گىرام ئاقسىل، 100 مىللىلىتىر كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدە ئۈچ گىرام ئاقسىل بار، ئۇنىڭغا ئازراق گۆش قوشۇلسا، بەدەننىڭ ئاقسىلغا بولغان ئېھتىياجى ئاساسىي جەھەتتىن قانىدۇ».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئاقسىل تولۇقلاش چەكتىن ئاشسا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ، شامالدارىغانلار ئاقسىلنى بەك كۆپ تولۇقلىسا، كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ؛ سوزۇلما بۆرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى بىلەن جىگەر ئىقتىدارى چېكىنگەنلەر ئاقسىلنى كۆپ تولۇقلىۋەتسە، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاقسىلنىڭ بەدەندە بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تۆت، بەش سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا ئاقسىلنى بىراقلا كۆپ مىقداردا تولۇقلاش خەتەرلىك».

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button