ساغلاملىق بىلىملىرى

ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەبىئىتى ۋە مىزاجغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەبىئىتى ۋە مىزاجغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى: ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەبىئىتى ئوزۇقلارنى ئادەم ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن بەدەندە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە مىزاج خاراكتېرلىك ئىپادىسىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.
1) قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلار
ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئادەم بەدىنىنى قىزىتىش، چىڭىتىش، قۇرۇتۇش، ئۇسسۇزلۇق پەيدا قىلىش، قان بېسىمنى ئۆرلىتىش، قەۋزىيەت پەيدا قىلىش، سۈيدۈكنى ئازايتىش قاتارلىق تەسىرلىرى بولغان ئوزۇقلۇقلار قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىدە سەپرا خىلىتىنى كۆپەيتىدىغان ماددىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
2) ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلار
بەدەننى قۇۋۋەتلەش، روھنى جانلاندۇرۇش، بەدەننى سەمرىتىش، رەڭگىنى قىزارتىش، قاننى كۆپەيتىش، قان بېسىمنى ئۆرلىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغان ئوزۇقلۇقلار ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىدە قان خىلىتىنى كۆپەيتىدىغان ماددىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.
3) ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلار
بەدەننى سوۋۇتۇش، بوشاشتۇرۇش، ھۆللۈكنى كۆپەيتىش، سەمرىتىش، ماددىلارنى سۇيۇقلاندۇرۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، ئۇيقۇنى كۆپەيتىش، سۈيدۈكنى كۆپەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش قاتارلىق تەسىرلەرگە ئىگە بولغان ئوزۇقلۇقلار ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئوزۇقلۇقلار تەركىبىدە بەلغەم خىلىتىنى كۆپەيتىدىغان ماددىلارنىڭ نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.
4) قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلار
بەدەننى ئورۇقلىتىش، سۇسىزلاندۇرۇش، چوڭ تەرەتنى قاتۇرۇش، بەدەننى سوۋۇتۇش، قاننى ئازايتىش، قان توختىتىش، رەڭگى – روھىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش، ئۇيقۇنى قاچۇرۇش، سۈيدۈكنى ئازايتىش تەسىرىگە ئىگە بولغان ئوزۇقلۇقلار قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلار دەپ ئاتىلىدۇ–بۇ خىل ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىدە سەۋدا خىلىتىنى كۆپەيتىدىغان ماددىلار نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button