ساغلاملىق بىلىملىرى

مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق تەڭشەش

مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق تەڭشەش

ئەجداتلىرىمىز ئوزۇقلۇقلار بىلەن مىزاجنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇقلار بىلەن مىزاجنى تەڭشەش ئۇسۇلىنى ۋە بۇ ئۇسۇلىنىڭ ناھايىتى بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە كېسەل داۋالاشتا ئالدىن قوللىنىلىدىغان مىزاجى تەڭشەش چارىلىرىدە مىزاجنى تەڭشەشتە ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق مىزاجنى تەڭشەش، ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق تەڭشەش مۇمكىنچىلىكى بولمىغاندا ئاندىن دورا ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تەڭشەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەم بەدىنىدىكى  كېسەللىك ئۆزگىرىش ئاساسەن ئوزۇقلۇقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھەرقانداق كېسەلنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن بىمارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى تەڭشەپ، كېسەلگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئوزۇقلۇقلار ئارقىلىق بىمارنىڭ مىزاجىنى تەڭشەپ داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كېسەلنى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالىغىلى بولسىلا چوقۇم ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. چۈنكى ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنىڭ بەدەندە زىيانلىق تەسىرى بولمايدۇ. ئەگەر كېسەل بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاپ كەتكىلى بولمىغاندا دورا بىلەن ئوزۇقلۇقنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا دورا بىلەن داۋالاشنى ئاساس، ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشنى قوشۇمچە قىلىنىدۇ.

ئادەتتە قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا ياكى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا، ھاۋا كىلىماتى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە تەرەپكە سىلجىيدۇ. نەتىجىدە بەدەندە قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئىپادىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. مەسىلەن: ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىزى ئاچچىق بولۇش، ئېغىز – بۇرۇن قۇرۇش، ئۇيقۇسى قېچىش، ئېغىر بولغاندا جۇغ – جۇغ بولۇش، قەۋزىيەت بولۇش، سۈيدۈكى ئازىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مىزاجنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشى قۇرۇق ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەردە ئاسان يۈز بېرىدۇ. ئۇنى تەڭشەشتە ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلار، ھەر خىل ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك مېۋە، كۆكتاتلار ئىستېمال قىلدۇرۇش ئارقىلىق تەڭشىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: سۇيۇقئاش، شوۋىگۈرۈچ، ئاچچىق – چۈچۈك ھۆل مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلاردىن پەرھىز قىلىش ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ.

بەدەندە ھۆل ئىسسىقلىق ئېشىپ كەتكەندە باش ئېغىر بولۇش، تولا كېرىلىپ ئەسنەش، سېزىملار تۇتۇقلىشىش، يۈزى ۋە بەدەن تېرىسى قىزىرىش، يۈز ۋە بەدەن تېرىلەرگە تاشمىلار چىقىش، بۇرۇن قاناش، بەدەن ئېغىرلىشىپ ئاغرىش، ھورۇنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ ھۆل ئىسسىق مىزاجلىق كىشىلەردە كۆپرەك يۈز بېرىدۇ. بۇ ھالەتنى تەڭشەشتە قۇرۇق سوغۇق ياكى ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. مەسىلەن:  قاپاق، يۇمغاقسۈت، قاتارلىقلار بىلەن تەييارلانغان سۇيۇقئاش، ئۈگرە، كۆكتات شورپىسى قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. قىزىل چاي، قەھۋە قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
بەدەندە ھۆل سوغۇقلۇق ئېشىپ كەتكەندە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىز تەمى لاۋزا بولۇش، ئۇخلىغاندا شالى ئېقىش، بەدەنلىرى ئېغىرلىشىپ ھورۇنلىشىش، ئۇستىخانلىرى، قول – پۇتلىرى ئاغرىش، بەدەنلىرى بوشۇشۇپ، ئۇيقۇسى كۆپىيىش، بېشى قېيىش، سۈيدۈكى كۆپۈيۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مىزاجنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىشى ھۆل سوغۇق مىزاج كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مىزاجنى تەڭشەش ئۈچۈن قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزالارنى يىيىشكە بېرىلىدۇ. مەسىلەن: تونۇر كاۋىپى، مايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، ھالۋا، قازان كاۋىپى، كەپتەر گۆشى شورپىسى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىپ ، ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. تاماقنى زىيادە كۆپ يېمەسلىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
بەدەندە قۇرۇق سوغۇقلۇق ئېشىپ كەتكەندە ئادەم ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىزى ئاچچىق – چۈچۈك بىلىنىش، بەدبۇي پۇراش، دىمىقى پۈتۈش، ئېغىز – بۇرۇن قۇرۇش،پۇت – قوللار مۇزلىغاندەك بولۇپ ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى قايغاندەك بولۇش، كۆز ئالدىدا قاراڭغۇلۇق پەيدا بولغاندەك بولۇش، بەدەن تېرىلىرى قۇرغاقلىشىپ قىچىشىش، قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ قۇرۇق سوغۇق مىزاج كىشىلەردە ۋە ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. مىزاجنى تەڭشەش ئۈچۈن ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزالار مەسىلەن: قوي گۆشى شورپىسى، پېتىرمانتا، پولو، ھەسەل، ناۋات، ئىسسىق تەبىئەتلىك مېۋىلەرنىڭ مۇراببالىرى ئىستېمال قىلدۇرۇلىدۇ. قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button