قۇلاق كېسەللىكى

قۇلاق غوڭۇلداشقا پايدىلىق قۇلاقنى ئۇۋلاش ئۇسۇلى

قۇلاق سۈپۇرىسى تېببىي مۇتەخەسسىلەر تەرىپىدىن «كىچىكلىتىلگەن ئادەم شەكلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل قۇلاق سۇپۇرىسىنى ئۇۋلاش مەشقىنى دائىم ئىشلەپ بەرگەندە، ئورگانىزمنىڭ فۇنكسىيەسىنى تەڭشەپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە قۇلاقنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، قۇلاق غوڭۇلداش ۋە گاسلىققا قارىتا مۇئەييەن شىپالىق دەرىجىدە ئۈنۈمگە ئىگە. تۆۋەندىكى قۇلاقنى ئۇۋلاش مەشقلىرىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغاندا گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مېڭە ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  1. قۇلاق سۇپۇرىسىنى ئۇۋلاش
    ئىككى ئالقاننى قۇلاق سۇپۇرىسىغا قارىتىپ قويۇپ، ۋاقىت ئىستىرلىكىسىنىڭ يۆنلىشى بويىچە 20 قېتىم سىلىق بېسىپ ئۇۋلاپ، ئاندىن ۋاقىت ئىستىرلىكىسىنىڭ تەتۈر يۆنلىشى بويىچە 20 قېتىم سىلىق بېسىپ ئۇۋلاپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە 3 قېتىمدىن ئىشلەش كېرەك. ئۇۋلىغاندا بەك كۈچىمىگەن ھەمدە ئىككى قۇلاق سۇپىرىسىغا قان تولۇپ قىزاغىچە داۋاملاشتۇرغان ياخشىراق.
    1. قۇلاق مۇنچىقىنى ئۇۋلاش
      قۇلاق مۇنچىقى كىچىك قۇلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باش بارماق ۋە كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن قۇلاق يۇمشىقىنى توختىماي چىمدىپ قويۇپ بېرىش، ھەر ئىككى قۇلاق يۇمشىقىنى تەڭ ئۇۋلاش، ھەر قېتىمدا 30-20 قېتىم، تاكى قۇلاق يۇمشىقى قىزىغىچە ئىشلەش لازىم.

3. قۇلاق سۇپۇرىسىنى بېسىپ قويۇپ بېرىش

ئىككى ئالقاننى قۇلاق سۇپۇرىسىغا قارىتىپ، قۇلاق ئىچى يۆنىلىشىگە قاراپ يەڭگىل بېسىپ، ئارقىدىن قويۇپ بېرىش، بۇنى تەكرار ئىشلەش، دەسلەپكى چاغلاردا ھەر قېتىمدا 5-2 مىنۇت، كېيىنرەك 10-5 مىنۇتقىچە ئىشلەش، ئەتتىگەن ۋە كەچتە 1 نۆۋەتتىن ئىشلەش كېرەك.

  • قۇلاقنى بۇراش
    كۆرسەتكۈچ بارماقنى سىرتقى قۇلاق تۆشۈكىگە سىلىق كىرگۈزۈپ، 20 قېتىم بۇراش، كۈچ تەكشى، سۈرئەت مۇۋاپىق بولۇش ( بەك كۈچەپ كەتمەسلىك، سۈرئەت بەك تېز بولۇپ كەتمەسلىك)، ئىككى قۇلاققا تەڭلا ئىشلىمەسلىك، ئايرىم-ئايرىم، ئىلگىرى-كېيىن ئىشلەش لازىم.

قۇلاقنى تارتىش
ھەر كۈنى سەھەردە ئوڭ قولنى باشتىن ئاتلىتىپ سول قۇلاق سۇپۇرىسىنى 20 قېتىم تارتىش، ئاندىن سول قولنى باشتىن ئاتىلىتىپ ئوڭ قۇلاق سۇپۇرىسىنى 20 قېتىم تارتىش كېرەك

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button