پىششىق دورا

غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى سۈرگۈچى دورىلار

 

1.غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى سۈرگۈچى دورىلار

غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى، قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتتىكى يېمەك – ئىچمەك، دورا – دەرمەكلەرنى كۆپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش، ئېغىر ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن، غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى پەيدا بولۇپ، سەپرا خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ، بۇخىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا، سەپرا خىلىتى پىشىپ، بەدەندىن چىقىپ كېتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن بۇخىل سەپرا خىلىتىنى بەدەندىن سۈرۈپ چىقارغۇچى (مۇسھىلى سەپرا) دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تازىلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن سەپرا خىلىتىنى سۈرۈش خۇسۇسىيىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلارنى تاللاپ رېتسىپ تۈزۈپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇخىل دورىلار غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى سۈرگۈچى (مۇسھىلى سەپرا) دورىلار دەپ ئاتىلىدۇ.

 

2.غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى سۈرگۈچى دورىلار

غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى، ھۆل سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ ئىستېمال قىلىش، سوغۇق سۇغا كۆپ چۈشۈش ۋە زەي جايلاردا ئۇزاق مۇددەت ئىشلەش، ھەرىكەت ئاز، ئۇيقۇ كۆپ بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى پەيدا بولۇپ، بەلغەم خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ، بۇخىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا، بەلغەم خىلىتى پىشىپ، بەدەندىن چىقىپ كېتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، بۇخىل بەلغەم خىلىتىنى بەدەندىن سۈرۈپ چىقارغۇچى (مۇسھىلى بەلغەم) دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تازىلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەلغەم خىلىتىنى سۈرۈش خۇسۇسىيىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلارنى تاللاپ رېتسىپ تۈزۈپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇخىل دورىلار غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى سۈرگۈچى (مۇسھىلى بەلغەم) دورىلار دەپ ئاتىلىدۇ.

3.غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى سۈرگۈچى دورىلار

غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى، قۇرۇق سوغۇق تەبىئەتتىكى يېمەك – ئىچمەك، دورا – دەرمەكلەرنى كۆپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش، ئېغىر ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۇيقۇسىز قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن، تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ سۈپىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەرگە قارىتا غەيرى تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇش باسقۇچىدىن كېيىن، ئۇنى بەدەن سىرتىغا سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن سەۋدا خىلىتىنى بەدەندىن سۈرۈپ چىقىرىش خۇسۇسىيىتى ئاساس ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلارنى ئاساس، سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرغۇچى دورىلارنى قوشۇمچە قىلىپ تۈزۈلگەن رېتسىپلارنى  غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنى سۈرگۈچى دورىلار ياكى سەۋدانىڭ مۇسھىل دورىلىرى (مۇسھىلى سەۋدا) دېيىلىدۇ.

 

 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

باھالار

  1. (مۇسھىلى سەپرا) دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تازىلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن سەپرا خىلىتىنى سۈرۈش خۇسۇسىيىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان دورىلارنى تاللاپ رېتسىپ تۈزۈپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇخىل دورىلار غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنى سۈرگۈچى (مۇسھىلى سەپرا) دورىلار دەپ ئاتىلىدۇ.

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button