ساغلاملىق بىلىملىرى

ياڭيۇ ۋە تېرە كېسەللىكى

ياڭيۇ تېرە كېسەللىرىنى داۋالاش جەھەتتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە. تېرە جاراھىتى بولۇپمۇ تۇبىر كىليۇز، ماخاۋ كېسەللىرى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان تېرە يارىسى كىشىنى بەك ئازابلايدۇ.
ئەگەر سىز ياڭيۇنى ئېزىپ يارىغا تاڭسىڭىز ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى تېزلا كۆرەلەيسىز. بەزىلەر مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئاستا خاراكتېرلىك تېرە يارىسىنى داۋالىغاندا تەخمىنەن 16 كۈن ئىچىدە جاراھەت ساقىيىپ كەتكەن. ھۆل تەمرەتكىدىن پەيدا بولغان تېرە يارىسىنى داۋالىغاندىمۇ ئالتە كۈن ئىچىدە ئۈنۈم بەرگەن.

ئۇنىڭ ئۇسۇلى: ياڭيۇنى ئاقلىۋېتىپ، ھاۋانچا ياكى ياغۇنچاقتا يۇمشاق ئېزىپ مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بوتۇلكىغا قاچىلاپ توڭلاتقۇدا ساقلىنىدۇ. توڭلاتقۇ بولمىسا كۈندىلىكنى كۈندىلىك تەييارلىسىمۇ بولىدۇ. ئىشلەتكەندە مەلھەمنى ياللۇغلانغان جايغا تەخمىنەن 0.5 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا چېپىپ، داكا بىلەن چىڭ تېڭىلىدۇ. كۈنىگە ئىككى-تۆت قېتىمغىچە يەڭگۈچلىنىدۇ.
ياڭيۇنىڭ يۇقىرىقىدەك شىپالىق رولى ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن، قەنت، كراخمال ۋە تۇز قاتارلىقلارنىڭ بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن بىلەن قەنتنىڭ ياللۇغنى قايتۇرۇش، جاراھەت ئېغىزىنىڭ پۈتۈشى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈنۈمى بار. كراخمال جاراھەت ئېغىزىنىڭ شۇرلۇق دەرىجىسىنى تەڭشەيدۇ. قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button