قۇلاق كېسەللىكى

قۇلاق قاناش

قۇلاق قاناش ھەرخىل ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇلاق تۆشۈكىدىن قان كەلگەنگە قارىتىلغان. 

سەۋەبى:

بۇ كېسەل ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل سەۋەبلەردىن بولىدۇ. 

1. ئادەمنىڭ تەبىئىتى كېسەللىككە قارشى كۈرەش قىلغاندا، يەنى بەدەندە بۆھران يۈز بەرگەندە بۇرۇن قانىغاندەك قۇلاقمۇ قانايدۇ. 

2. قان بەك زىيادە بولۇپ تومۇر تولۇپ كەتكەنلىكتىن ياكى بەدەن كۈچلۈك سىرتقى زەربىگە ئۇچرىغانلىقتىن، بولۇپمۇ باش قىسمىغا بىر نەرسە تەگكەنلىكتىن، قۇلاق ئىچىدىكى بىرەر تومۇر يېرىلىپ ياكى ئۇنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ قۇلاق قاناش يۈز ېېرىدۇ. 

3. زەھەرلىك يىلان چاققان ياكى چايان چاققان سەۋەبىدىن قۇلاق قانايدۇ. بۇلۇپمۇ كۆزەينەكلىك يىلاندەك زەھەرلىك يىلانلار چاققاندا، ئۇنىڭ زەھىرى ئادەمنىڭ قېنىنى سۇيۇلدۇرۇپ بەدەندىكى بارلىق ئۇششاق تۆشۈكلەردىن قان چىقىپ قۇلاق قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

قۇلاق سىرتقى قاتتىق زەربىلەر تۈپەيلىدىن قانىسا، يۇقىرىدا سۆزلەنگەن قۇلاق قاناش تۈرىگە كىرمەيدۇ. بۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئۆلۈم خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

ئالامىتى: 

1. بۆھراندىن بولغان قۇلاق قاناشتا، بۆھراننى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى كېسەللىكلەرگە مۇناسىپ ھالدىكى ئالامەتلەر بولىدۇ.

2. قاننىڭ زىيادىلىكىدىن بولغان قۇلاق قاناشتا، قاننىڭ تولۇپ-تاشقانلىقىغا ئائىت بىر قاتار بەلگىلەر كۆرۈلىدۇ. سىرتقى زەربىدىن بولغان قۇلاق قاناشتا روشەن ھالدا سىرتقى جەھەتتىن زەىىملىنىش تارىخى بولىدۇ. 

3. زەھەرلىك يىلان ۋە چايان چاققاندىن بولغان قۇلاق قاناشتا، بۇ نەرسىلەر چاققانلىق تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە بەدەندە ھاشارەت چاققان ئىز بولىدۇ. ئاغرىقتا قۇلاق قاناشتىن ئىلگىرى زەھەرلەنگەنلىكتىن كېلىپ چىققان كۆڭلى ئېلىشش، بەدەن ئۇيۇشۇش، قۇسۇش ۋە ھوشسىزلىنىشتەك بىر قاتار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button