سەھىپە ئايرىلمىغانقۇلاق كېسەللىكى

سىرتقى قۇلاق يولى

سىرتقى قۇلاق يولى- مەركىزىي ئورەكچە چوڭقۇر يېرى يەنى قۇلاق تۆشۈكىدىن باشلىنىپ قۇلاق ناغرا پەردىسىدە ئاخىرلىشىدۇ. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئىككىلىك (ھازىرقى ئۆلچەمدە 2.5-3.5 سانتىمېتىر) كېلىدۇ. ئۇ تۈز بولماي ئەگرى بولىدۇ. يەنى ئالدى قىسمى كەڭرەك، ئوتتۇرا قىسمى تارراق كېلىدۇ. سىرتقى 3دەن 1 قىسمى كۆمۈرچەك، ئىچكى 3 دەن 2 قىسمى سۆڭەكتىن تەركىب تاپىدۇ. كۆمۈرچەك قىسمىدا كۆپلىگەن ھەرخىل كىچىك بەزلەر بولىدۇ. بۇلاردىن بىرخىل مومسىمان سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ ئادەتتە قۇلاق كىرى دەپ ئاتىلىدۇ. جاراسىملاردىن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ماي بەزلىرى ۋە ئۇششاق تۈكلەر بار بولۇپ، تۈكلەر ھەرىىل چاڭ-توزان ۋە ھاشارەتلارنىڭ قۇلاق ئىچىگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ. قۇلاق يولىنىڭ كۆمۈرچەك بىلەن سۆڭەك قىسمى ئاياغلاشقان قىسمى تار بولۇپ، بۇ جاي يات نەرسىلەرنى قىسىپ ئۆتكۈزمەسلىك رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭدا ئەسەبلەر ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button