سەھىپە ئايرىلمىغانقۇلاق كېسەللىكى

قۇلاقنىڭ تۆۋىدە ۋە ئىچىدە پەيدا بولغان ئىششىق توغرىسىدا

ئىششىق قۇلاقنىڭ ئىچىدە بولماي تېشىدا بولسا، ئۇنىڭ خەتىرى، دەردى ئازراق بولىدۇ، ئەگەر ئىششىق قۇلاقنىڭ ئىچىدە بولسا، بۇ خەتەرلىك. بولۇپمۇ ياشانغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
ئالامىتى  قۇلاقنىڭ ئېغىرلىقى، ئاغرىقنىڭ قاتتىقلىقى بەزىدە ئىسسىتمىداپ قىزىش قاتارلىق ئەھۋاللار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى  قىيفال تومۇرىدىن قان ئېلىش، ئەگەر قان ئېلىشقا بولمايدىغان كېسىلى بولسا، ھىجامەت قويۇش كېرەك. سۈرگە بېرىشكە ئېھتىياجلىق بولسا، مەتبۇخى ھېلىلە بىلەن سۈرگە بەرسۇن، ئاچچىق بادام يېغى، زەيتۇن يېغى، گۈل يېغى قاتارلىقلارنى ئىلمان قىلىپ، قۇلاققا تېمىتىپ قويسۇن، ئايال كىشىنىڭ سۈتى، نېلۇپەر يېغى ياخشى پايدا قىلىدۇ. قۇلاق تۈۋىگە شوخلا، يۇمغاقسۈت، كاسىنە سۇلىرى بىلەن ئارپا ئۇنىنى ئېلشتۈرۈپ، چېپىپ قويسۇن. ئىسپىغۇلنىڭ شىرنىسى، بېھى ئۇرۇقىنىڭ شىرنىسىنى مۇرد ئۇرۇقى، ئايال كىشىنىڭ سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قۇلاققا تېمىتىپ قويسۇن. ئەگەر بۇنىڭ بىلەن ئاغرىق پەسەيمىسە، بىنەپشە يېغى، گۈل يېغى، كالا يېغى قاتارلىقلار ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەگەر ماددىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئىششىق قۇلاقنىڭ تېشىغا ئۆرلەپ چىققان بولسا، تۆۋەندىكى زىماتنى قىلىش كېرەك.
باقلا ئۇنى، ئارپا ئۇنى بىر ھەسسىدىن، نېلۇپەر، بابۇنە، ئىكلىلمىلىك، بىنەپشە، ئاق لەيلىنىڭ يىلتىزى يېرىم  ھەسسىدىن، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شوخلا سۈيى، بادام يېغى ياكى گۈل يېغى بىلەن ئىلمان قىلىپ قۇلاق تۈۋىگە قويسۇن.
ئەگەر ئىششىق ئېغىز ئالسا، بادام يېغى بىلەن ئايال كىشىنىڭ سۈتىنى قۇلاققا تېمىتىپ قويسۇن. مۇردار سەمگ مەلھىمى بىلەن ئىلاج قىلسۇن، غورا سۈيى، سۇماق، ئانار سۈيى قاتارلىقلارنى توخۇ گۆشىنىڭ شورپىسى بىلەن بەرسۇن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button