ساغلاملىق بىلىملىرى

خىلىت بىلەن ئوزۇقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى

خىلىتلار ئادەم ئىستېمال قىلغان ئوزۇقلۇقلاردىن جىگەردە ھاسىل بولىدىغان مۇرەككەپ سۇيۇقلۇقنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. خىلىتلار ئوزۇقلۇقنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدۇ. بارلىق ئوزۇقلۇقلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئوزۇقلىنىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان خىلىتمۇ تۆت خىل بولىدۇ. ھەر قانداق ئوزۇقلۇقتا تۆت چوڭ ماددىدىن قايسى بىرىنىڭ تۇتقان نىسبىتى يۇقىرى بولسا شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدىكى بىر خىل خىلىت ھاسىل بولىدۇ. خىلىتلار ھاياتلىق باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئوزۇقلۇقلاردىن بەدەندە ھاسىل بولۇپ، ھاياتلىق پائالىيىتى ئۈچۈن بىر تەرەپتىن سەرپ بولسا يەنە بىر تەرەپتىن تولۇقلىنىپ، ھاياتنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئادەم يېگەن ئوزۇقلۇقلار ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەردە ھەزىم بولۇپ كەيلۇسقا ئۆزگەرگەندىن كېيىن جىگەرگە سۈمۈرۈلۈپ جىگەردە تېخىمۇ ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلىنىش ئارقىلىق كەيمۇس ھاسىل بولىدۇ. كەيمۇس جىگەردىكى كۆپ خىل قۇۋۋەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە تەبىئىي خىلىتقا ئۆزگىرىدۇ. ئەمەلىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بەدەننى ئوزۇقلاندۇرغۇچى ئاساسىي ئامىل خىلىتتىن ئىبارەت. يەنى ئادەم ئورگانىزمى پەقەت خىلىتلاردىن ئوزۇقلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا جىگەردە ھاسىل بولغان كەيمۇسنى ياراملىق كەيمۇس (سالھۇل كەيمۇس) ۋە يارامسىز كەيمۇس ( فاسدىل كەيمۇس) دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button