ئۇيغۇر تېبابىتى — ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزاق تارىختىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابىتى. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ماكانى بولغان بۇ جۇغراپىيە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى، تۈرلۈك ئاغرىق – سىلاقلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى جەريانىدا ھاسىل قىلغان ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنىدۇر.

ئۇ ئۆزىگە خاس مۇكەممەل، سىستېمىلىق نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇپ، تۆت تادۇ تەلىماتى، مىزاج تەلىماتى، تۆت خىلىت تەلىماتى، ئەزا تەلىماتى، قۇۋۋەت تەلىماتى، روھ تەلىماتى، ساقلىق ۋە كېسەللىك، كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبلىرى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى، كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرى، داۋالاش قائىدە – پىرىنسىپلىرى ۋە ئۇسۇللىرى، يېمەك – ئىچمەك، كۈتۈنۈش ۋە پەرۋىش قىلىش، دورىگەرلىك ۋە دورا ياسالمىلىرى قاتارلىق ئىلىملەر ھەققىدە بىر يۈرۈش سىستېمىلىق ئىلمىي نەزەرىيىلىرى بار.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئادەم بەدىنى ۋە بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى كائىناتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە چۈشىنىدۇ. ئومۇمىي بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇ ھاياتلىقنى تاشقى مۇھىت شارائىتى بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ. ئالەم ۋە ئىنساننىڭ ئاساسىنى ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ماددىنىڭ زىددىيىتى ۋە بىرىكىشىدىن تەشكىل تاپقان دەپ قارايدۇ.

بۇ قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنى تونۇش كۆز قارىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى ئەمەلىيەتتىن باشلانغان، ئەجدادلىرىمىز تۆت ماددىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغان، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز قۇياشنىڭ ئىسسىقلىق كۈچى بولمىسا زىرائەت پىشمايدىغانلىقىنى، يورۇقلۇق بولمىسا ھېچنېمە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، سۇ، ھاۋا بولمىسا ھاياتلىق بولمايدىغانلىقىنى، تۇپراق بولمىسا ئۆسۈملۈكلەر يېتىلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن.

تۆت چوڭ ماددا ئوخشىمىغان تۆت خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوت — قۇرۇق ئىسسىق؛ ھاۋا — ھۆل ئىسسىق؛ سۇ — ھۆل سوغۇق؛ تۇپراق — قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. ئۇلار جىسىم، كەيپىيات، خۇسۇسىيەت جەھەتتىن بىر – بىرىگە قارىمۇ-قارشى بولسىمۇ، ئەمما بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلار كائىناتتا ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل كەيپىياتنى  بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تۆت خىل كەيپىياتنىڭ قارىمۇقارشى پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل قىلىدۇ. مىزاجلار چوڭ جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قوروق سوغۇق مىزاجلارغا بۆلىنىدۇ.

تېبابىتىمىز خىلىتلارنى بەدەندە تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرىدە مۇئەييەن مىزاجغا ئىگە بولغان يېمەك – ئىچمەكلەردىن پەيدا بولغان تۆت چوڭ ماددىنىڭ بەدەندىكى تەقلىدىي زاھىرى، دەپ شەرھىلەيدۇ. تۆت خىلىت (سەپرا، قان ، بەلغەم، سەۋدا)  بەدەننى تەشكىل قىلغان، رەڭگى، تەمى، تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇھىم سۇيۇقلۇقلار بولۇپ، سەپرا خىلىتىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، قان خىلىتىنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، بەلغەم خىلىتىنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغۇق، سەۋدا خىلىتىنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق، ئۇلار ئورگانىزىمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا سەرپ قىلىنىپ، يېڭىدىن ئىشلىنىپ تۇلۇقلىنىپ، ئۆز-ئارا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ساغلاملىق شەرتلىرىنى ھازىرلايدۇ. خىلىتلار تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى، سان ياكى سۈپەت جەھەتتىكى غەيرىي تەبىيئىي ئۆزگىرىشى كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم ئىچكى سەۋەب. تەبىئەت دۇنياسىدىكى «تۆت چوڭ ماددا» ۋە ئۇنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق نورمالسىز تەسىرى خىلىتلارنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى تاشقى سەۋەب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دېمەك ئۇيغۇر تېبابىتى — ئىنسان بەدىنىدە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەرنىڭ بىرلىكى ۋە زىددىيىتى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ھاياتلىق جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئەقىل – پاراسەتلىك، مېھنەتسۆيەر خەلقىمىزنىڭ ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش جەريانىدا توپلىغان تەجىرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى سۈپىتىدە خەلقىمىزنىڭ سەھىيە ئىشلىرىنى ئورۇنلاپ، ئۇلارنىڭ تارىم بويلىرىدا ياشاپ، ئۆسۈپ كۆپىيىشىدە مۇھىم رول ئويناپ، دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مەدەنىيەتلىك خەلق بولۇشىغا تۈرتكە بولغان.

«ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى يالغۇز يېقىنقى زاماننىڭ ياكى ئىسلامىيەتتىن بۇيانقى پەن – مەدەنىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىرى بىلەن ئىبن سىنا تېببىي تەلىماتلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مىلادتىن ئىلگىرىكى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتنىڭ سەمەرىسى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۇيغۇر خەلقىنى تەشكىل قىلغان ئەڭ قەدىمكى قەبىلىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھايات باسقۇچلىرىدا تۈرلۈك دورا – گىياھلار ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىپتىدائىي تەجرىبىلىرى ۋە تۈرلۈك ئەم – ئىرىم ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، ئۇ يەنە تۇرانى خەلقلەرنىڭ جۈملىدىن ئاناۋ، تاقار، قاراسۇق مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى خەلقلەرنىڭ شۇ خىل تەجرىبىلىرى بىلەن ئەم – ئىرىم ئۇسۇللىرىنى قۇبۇل قىلغان[1]» بولغاچقا، مەزمۇن دائىرىسى كېڭىيىپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەر بىلەن مۇجەسسەملەنگەن. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى گەرچە ئۇزۇن تارىخىي دەۋرنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ تەزكىرە تۈزۈشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكىمىز سەۋەبلىك كۆپلىگەن مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ئۆز تارىخچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي ۋە چەت ئەل تارىخچىلىرىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى بىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دىيارىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش جەريانىدا تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىز ئارقىلىق ئاندىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي مەدەنىيەت كەشپىياتچىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولالىدۇق.

شۇڭا بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمىنى ئىنتايىن ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىتى نامىدىن دۇنياغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تۈركىيە قاتارلىق ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەۋزەللىكى بولغان تەبىئىي دورا بايلىقلىرىنى ئېچىش، قېزىش، رەتلەش، يېڭى دورا ئەشيالىرىنى تېرىپ سىناق قىلىش، مەخسۇس تېرىپ ئۆستۈرۈش بازىلىرىنى قۇرۇپ ئۇنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش، ھەم ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىش ھەم ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ئاساسىدا دورا ئەشيالارنى سىرتتىن يۆتكەپ كېلىش، سۈپىتى ناچار بولۇش، باھاسى قىممەت بولۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دورىلار تېپىلماسلىقتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە  يېڭى-يېڭى دورىلارنى بايقاش، تېپىش، رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، سىناق قىلىش، تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مۇنتىزىم دورىلار قامۇسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق دورىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئېنىقلاش، دورا ئىستېمالى جەھەتتە مۇرەككەپلىكتىن ئاددىيلىققا، كۆپلۈكتىن ئازلىققا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشتىن يۇقىرى بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتۇش ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان ئىلىمنى سەدىقە جارىيە مەقسىتىدە قالدۇرۇش بىلەن ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا ئېرىشىش بىزنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىمىز ھېسابلىنىدۇ.

Back to top button