زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ قايتىدىن يامراپ كىرىشىگە ئەگىشىپ خېروئىندىن ئىبارەت «ئالۋاستى» تېز سۈرئەت بىلەن ماكان، زامان، مىللەت ئايرىماستىن ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلارنى قاپلىدى. نەچچە ئون مىڭلىغان تۇيۇق يولغا ماڭغان نادان ياشلار-ئۆسمۈرلەر خېروئىندىن ئىبارەت بۇ ئالۋاستىغا يەم بولۇپ ئەزىز جانلىرىدىن ئايرىلدى. يەنە نەچچە يۈز مىڭلىرى زەھەر قاينىمىدا جان تالاشماقتا. قەبىھ زەھەر ئەتكەسچىلىرى ھارام پايدىنى كۆزلەپ نومۇسسىز ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىش كۆرمىگەن، گۆدەك ياشلارنى ئەيش-ئىشرەت، بۇزۇقچىلىق بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش يولىغا كىرىپ قالماقتا. يەنە بىر قىسىم زەھەرنىڭ تېگى-تەكتىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر زەھەرنى «ئۈنۈملۈك دورا» دەپ بىلىپ، كېسەل، ئاغرىق داۋالاشقا ئىشلىتىپ، نەتىجىدە خۇمار بولۇپ قېلىپ بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتالماي قالماقتا. قىسقىسى، زەھەرلىك چېكىملىك دۆلەتكە، مىللەتكە، جەمئىيەتكە، ئائىلىگە، شەخسكە تەسۋىرلىگۈسىز بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى. زەھەرنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن ھازىر زەھەر چېكىۋاتقانلارغا نىسبەتەن مەجبۇرىي زەھەرسىزلەندۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىن سىرت يەنە زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەيدىغان ياش-ئۆسمۈرلەرگىمۇ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button