زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى

دۇنيادا يىلىغا 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاماكا ئىستېمال قىلىنىدۇ. دېمەك، ھەر يىلى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كۈلگە ئايلىنىدۇ. بۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ ئىقتىسادىي زىيان ھېسابلىنىدۇ. تاماكا چېكىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئەھمىيەتسىز ھالدا ئىقتىسادنى بۇزۇپ چېچىش بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر تاماكا سېتىۋېلىش ياكى زەھەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىقتىسادتىن قىسىدۇ، ھەتتا بەزى كىشىلەر زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ خىزمىتىدىن، ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىنى خانىۋەيران قىلىپ، ياشاشتىن مەھرۇم بولماقتا. ھۆكۈمەت ۋە ئائىلىلەر زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلارنى داۋالىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان ئىقتىسادنى ئەگەر مائارىپ، تەرەققىيات ئىشلىرىغا سەرپ قىلسا، جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى قانچىلىك تېزلەتكىلى بولاتتى. نامرات ئائىلىلەردىن قانچىلىغان كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان بولاتتى.

يېقىنقى ستاتىستىكا ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلار 25 مىڭ كىشى ئۆپچۆرىسىدە بولغان، ئەگەر مۇشۇ سان بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر قېتىملىق زەھەر چېكىشكە تۆۋەن بولغاندا 180 يۈەن سەرپ قىلىندى دېسەك: 180×25000=4500000 بىر قېتىمى ئۈچۈن 4500000 يۈەن سەرپ قىلىنىدىكەن. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا بىر مىليارد 620 مىليون يۈەن سەرپ قىلىنىدىكەن. مەملىكەت بويىچە زەھەرگە يىلىغا 27 مىليارد خەلق پۇلى خەجلەنسە، ھۆكۈمەت زەھەرنى چەكلەش ئۈچۈن 3 مىليارد يۈەن سەرپ قىلىدىكەن. بۇ پۇل بىلەن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغىلى بولاتتى. دېمەك، ئەخلاقىي مىزاندا مەنئي قىلىنغان ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنىدا چەكلىگەن نەرسىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارغا قانچىلىك ئېغىر ئىقتىسادىي زىياننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button