زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

زەھەرنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟

زەھەر چېكىش دېگىنىمىز — داۋالاش مەقسەت قىلىنمىغان بەلكى قايتا–قايتا داۋاملىق ئىشلىتىشتىن تايىنىشچانلىق (يەنى خۇمار قىلىش) نى پەيدا قىلىدىغان دورىلارنى كۆرسىتىدۇ. 1990–يىلى 12–ئايدا 7–قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىنىڭ 17–سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان: «زەھەر چەكلەش قارارى توغرىسىدا» دا، «زەھەر بولسا ئەپيۈن، خروئىن، مورفېن، نەشە، كوكائېن شۇنداقلا گوۋۇيۈەن تىزگىنلەپ باشقۇرۇشنى بېكىتكەن باشقا تۈردىكى ئادەمنى خۇمار قىلغۇچى ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلاردىن ئىبارەت» دەپ كۆرسىتىلگەن. گوۋۇيۈەن 2005–يىلى «ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» نى تارقاتتى.

دۆلەت دورا–يېمەكلىك نازارەتچىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى، سەھىيە مىنىستىرلىكى بۇنىڭغا ئاساسەن «ناركوز دورىلىرىنىڭ تۈرى مۇندەرىجىسى» ۋە «روھىي دورىلىرى تۈرى مۇندەرىجىسى» نى ئېلان قىلدى. ئالدىنقىسى ئەپيۈن، خروئىن، دولىندىن قاتارلىق 121 خىل ناركوز دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كېيىنكىسى بولسا مىتامفتالىن، كوفىئېن قاتارلىق 131 خىل روھىي دورىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button