زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

خېروئىن بىلەن زەھەرلەنگۈچىلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش

زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئىچىدە خېروئىن بىلەن جىددىي زەھەرلەنگۈچىلەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەگەر جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆز ۋاقتىدا بولمىسا ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا خېروئىن بىلەن جىددىي زەھەرلەنگۈچىلەر سېزىلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا يۆتكەپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش لازىم. قىلچە ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىشكە، بىپەرۋالىق قىلىشقا، دوختۇرخانىغا يۆتكىمەسلىككە، ئەھۋالىنى يۇشۇرۇپ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېيتماسلىققا قەتئىي بولمايدۇ. بولمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. خېروئىن بىلەن جىددىي زەھەرلەنگۈچىلەر بولسا ئادەتتە بىر تەرەپ قىلىش چارىسى مۇنداق: خېروئىن بىلەن زەھەرلىنىپ ھوشىدىن كەتكەن بولسا نەپەسلىنىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ھەم دەرھال ئوكسىگېن بېرىش لازىم. زۆرۈر بولغاندا كانايغا نەيچە كىرگۈزۈپ سۈنئىي نەپەس ئالدۇرۇش، ۋېنا يولىنى ئېچىپ دورا بېرىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش، سۇ، تۇز ۋە كىسلاتا ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەش، ھاياتلىق بەلگىلىرىنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە پەرۋىشنى كۈچەيتىش لازىم. نەپەسلىنىش زىيادە ئاستا بولسا ياكى نەپەسلىنىش تورمۇزلانغان بولسا، دەرھال نالترېكسون (Naltrexon) ئىشلىتىپ جىددىي قۇتقۇزۇش لازىم. نالترېكسون ئوكۇلى ئۇرۇلۇپ 2~1 مىنۇت ئىچىدىلا ھەيران قالارلىق ھالدا ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلايدۇ. نالترېكسون ئوكۇلىدىن 0.4mg ئاستا-ئاستا ۋېنادىن ئۇرۇلىدۇ. ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولسا كېسەلنىڭ نەپەسلىنىشى نورماللىشىدۇ، ئەس-ھوشى تەدرىجىي ئەسلى ھالىتىگە كېلىدۇ. ئەگەر نەپەسلىنىش خىزمەت ئىقتىدارى ياخشىلىنىشى روشەن بولمىسا، ئۇنداقتا 3~2 مىنۇتتا بىر قېتىم قايتىدىن ۋېنا تومۇرىدىن نالترېكسون ئۇرۇلىدۇ. مۇشۇنداق 3 قېتىملىق داۋالاشتىن كېيىن يەنىلا ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە، ئۇنداقتا دىئاگنوزنىڭ توغرا قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقىنى قايتىدىن ئويلىشىپ، باشقا كېسەللىك بولۇش ئېھتىمالىنى ئويلىنىش كېرەك. نالترېكسوننىڭ تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتى قىسقا (3~1 سائەت)، خېروئىننىڭ تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن، نالترېكسوننىڭ دورىلىق ئۈنۈمى تۈگەپ يەنە قايتىدىن ھوشىدىن كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن زۆرۈرىيەت بولغاندا ياكى ئەھۋال مۇقىملاشقىچە ھەر 3~2 سائەتتە قايتا نالترېكسون ئوكۇلىنى ئۇرۇش لازىم. لېكىن شۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلىش لازىمكى، نالترېكسون خېروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغۇچىلارنىڭ بەزىدە زەھەر تاشلىغاندىكى ئالامەتلىرىنى قايتا قوزغىتىش رولىنى ئويناپ قېلىشمۇ مۇمكىن. شۇڭا بەزىدە بۇ دورىنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىشمۇ پايدىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى ئەھۋال جىددىي بولمىسا 1000ml سۇيۇقلۇق ئىچىگە نالترېكسوندىن 4mg قوشۇپ، ۋېنادىن ئاستا-ئاستا 12~8 سائەتكىچە داۋاملاشتۇرۇپ ئۇرسا بولىدۇ. نالترېكسون يەنە زەھەرلەنگۈچىلەردە قوشۇلۇپ كەلگەن ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، باش ئىچى بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش ۋە تارتىشىپ قېلىشنىڭ قوزغىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ياخشىلايدۇ.
نالترېكسون ئوكۇل قىلىنغاندىن كېيىن زەھەرلەنگۈچىنىڭ ئەس-ھوشى تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا بەزىدە ھاياجانلىنىپ قاتتىق تىترەپ كېتىش، ھەتتا ھۇجۇم خاراكتېرلىك قىلىق-ھەرىكەتلەرنى قىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال بەلكىم بەزىدە نالترېكسون كەلتۈرۈپ چىقارغان قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش رېئاكسىيىسى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا، 50% لىك گلۇكوزىدىن 50ml نى ۋېنادىن ئۇرۇۋەتسە بولىدۇ. بۇنداق چاغدا زەھەرلەنگۈچى تاكى ياخشى بولۇپ تىنچىغىچە ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش لازىم. ئەگەر نالترېكسون ئوكۇلى بولمىسا ئۇنىڭ ئورنىغا ئاللىل مورفىن (allil Morphin) قاتارلىقلار بىلەن داۋالىسىمۇ بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button