زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى

زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساسەن ھەر خىل ۋاستىلەر ۋە ئوخشاش بولمىغان يوللار ئارقىلىق تەشۋىقات، تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. چېكىملىككە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر كەڭ ئاممىغا تونۇشتۇرۇلىدۇ. شەخسلەر، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە جەمئىيەت ھەممىسى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. شۇ ئارقىلىق مۇتلەق كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە بولغان تونۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى چەكلەش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت.

  1. تەلىم-تەربىيە ئوبيېكتى:
    1) زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى ئاسان يۇقتۇرۇۋالىدىغانلارغا بېرىلىدىغان تەلىم-تەربىيە:
    «زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ تۈپ سەۋەبى ھەققىدە ئىزدىنىش» دېگەن كىتابتا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى ئاسان يۇقتۇرۇۋالغۇچى كىشىلەر توپىنىڭ ھەممىسىنىڭ نۇقتىلىق تەلىم-تەربىيە ئوبيېكتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى ئاسان يۇقتۇرۇۋالغۇچىلار ناۋادا پۇرسەت بولۇپ قالسا، مۇھىت، شەرت-شارائىت يار بەرسە ئۇلار زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ خۇمار بولۇپ قالىدىغان خەتەرلىك كىشىلەردىن ئىبارەت. بۇ خىل خەتەرلىك كىشىلەر توپى ئىچىدە نۇقتىلىقى يەنىلا ياشلار-ئۆسمۈرلەردىن ئىبارەت. چۈنكى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ھۇجۇم قىلىدىغان ئوبيېكتى يەنىلا ياش-ئۆسمۈرلەردۇر. بۇ ياش-ئۆسمۈرلەر ناۋادا زەھەرلىك چېكىملىك (خېروئىن) گە يولۇقۇپ، قىزىقىپ تېتىپ بېقىپ، چېكىپ خۇمار بولۇپ قالسا، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ئەڭ كۆپ، ئېغىر، ئەڭ چوڭقۇر بولىدۇ. جەمئىيەتكە، ئائىلىسىگە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرىمۇ ئەڭ چوڭ ۋە ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. مەكتەپنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە بېرىدىغان تەلىم-تەربىيىسى كۆپ تەرەپلىمىلىك، كۆپ خىل يوللار بىلەن ۋە ئومۇميۈزلۈك بولۇشى لازىم. ئۇلارغا قىممەت كۆز قارىشى، پسىخىكىلىق، گىگېنالىق ساۋات تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش لازىم. جەمئىيەتنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى توغرا يولدا يېتەكلىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئېقىم، ئىدىيىۋى پىكىر ئېقىمى …..قاتارلىقلار ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئىجابىي رول ئوينامدۇ ياكى سەلبىي رول ئوينامدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە دىققىتىنى قوزغىشى كېرەك.

2) ئوقۇتقۇچى ۋە ئائىلە باشلىقىنىڭ تەربىيىسى:
ئوقۇتقۇچى ۋە ئائىلە باشلىقى ياشلار-ئۆسمۈرلەر بىلەن ئەڭ زىچ، ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان كىشىلەر. ئۇلارنىڭ ساپاسىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆزلىرى ھەممە ئىشتا ئۈلگە بولالىغاندىلا باشقىلارغا ئۇستاز بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىناۋىتى بولىدۇ. سۆزلىرى قايىل قىلارلىق بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى، بىلىملىرىنى ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە ئۆگىتىشى، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىشلىرى لازىم. ياخشى تۇرمۇش شەكلىنى يېتىلدۈرۈپ، ساغلام پسىخىك، تەڭپۇڭلۇق مېخانىزىمى ۋە پسىخىك جەھەتتە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى تۇرغۇزۇپ، توغرا قىممەت كۆز قارىشى، كىشىلىك كۆز قارىشىنى تىكلىشى لازىم. ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىمۇ ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەربىيىسىنى بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىمۇ زەھەرلىك چېكىملىككە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بالايىئاپەتلەرنى پىششىق بىلىۋېلىشى، ئىگىلىۋېلىشى لازىم. زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنى بالدۇراق سېزىۋېلىش، بالدۇراق ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇسۇللارنى ئىگىلىۋېلىشى لازىم. مانا بۇ «ئاۋۋال ئوقۇغۇچى بولۇپ ئاندىن ئوقۇتقۇچى بولۇش» دېگەنلىكتۇر.
3) تېببىي خادىملارنىڭ تەربىيىسى
تېببىي خادىملار دورا ھەققىدىكى بىلىملەر توغرىسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ خىزمىتى، سۆز-ھەرىكەتلىرى كىشىلەرنىڭ دورا ئىشلىتىش، تونۇش ۋە پوزىتسىيىسىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىك ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىك (خېروئىن) چېكىپ خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىنكى زەھەرسىزلەندۈرۈپ داۋالاش ۋە ھەر خىل سالامەتلىك مەسىلىلىرىنىمۇ ئاساسەن تېببىي خادىملار بىر تەرەپ قىلىدۇ ياكى داۋالايدۇ. شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك تېببىي خادىملارمۇ زەھەرلىك چېكىملىككە ئائىت بىلىملەرنى تولۇق، ئەتراپلىق ئىگىلىگەن بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن باشقىلارنى تەربىيىلىگۈچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىلغان تەشۋىقى ۋە تەلىم-تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمى ئادەتتىكى تەشۋىقىي تەلىم-تەربىيىدىن يۇقىرى بولىدۇ، كۈچلۈك بولىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك تارقالغان رايونلاردا پۈتۈن تېببىي خادىملارغا زەھەرلىك چېكىملىككە ئائىت بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. تېببىي ئىنستىتۇت ۋە مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ دورىغا بولغان بېقىندىلىق، دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش ھەققىدىكى دورىگەرلىك بىلىملىرىنى زۆرۈر دەرسلىك قاتارىدا تولۇق ئۆگىنىشى لازىم.

4) ئاممىنىڭ تەلىم-تەربىيىسى:
خېروئىننىڭ ئازدۇرۇش كۈچىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەللا بىخەستىلىك قىلغان ھەرقانداق ئادەم ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەھەرلىك چېكىملىك خېروئىننى چېكىش، ھەتتا خېروئىنغا خۇمار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئومۇمىي خەلققە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش تەلىم-تەربىيىسى بېرىش كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە بولغان ھوشيارلىقىنى ئاشۇرۇشقا چوڭ ياردىمى بولىدۇ. ئىجابىي ھالدىكى جەمئىيەت بېسىمى ۋە ئىجتىمائىي جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ. كۆپ قاتلام، كۆپ تەرەپلىمىلىك، ئومۇمىي يۆنىلىشلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىل زەھەرگە قارشى ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى چەكلەشنى ھەربىر پۇقرانىڭ مۇقەددەس بۇرچى ۋە ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
2. تەلىم-تەربىيە مەزمۇنلىرى
1) زەھەرلىك چېكىملىككە ئائىت بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش. پۈتۈن خەلققە بولۇپمۇ ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى ئاسانلا يۇقتۇرۇۋالىدىغان خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىك تارقالغان رايونلاردىكى مۇشۇ خىل كىشىلەرگە زەھەرلىك چېكىملىككە ئائىت بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى پەرقلەندۈرۈش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ تۈرلىرى، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ زىيانلىرى قاتارلىقلارنى تولۇق يېتىلدۈرۈش، ئىگىلىتىش لازىم. بولۇپمۇ كەڭ خەلق ئاممىسىغا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ دۆلەتكە، مىللەتكە، جەمئىيەتكە، ئائىلىگە، شەخسكە، جىسمانىي ساغلاملىققا كەلتۈرىدىغان زىيانلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىق بىلدۈرۈش لازىم.
زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغۇچىلارنىڭ دوختۇر ۋە پسىخولوگلارنى ئىزدەپ تېپىپ داۋالىنىشىغا، جەمئىيەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئائىلىدىكىلەرنىڭمۇ دەرھال ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك تاشلىشى ئۈچۈن يېقىندىن ياردەملىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانىلارمۇ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئالامەتلىرىنى بالدۇرراق سىزىۋېلىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا يېتەكلەش لازىم.

2) پسىخولوگىيىلىك بىلىم تەربىيىسى
زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى ئاسان يۇقتۇرۇۋالىدىغانلاردا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەت، كىشىلىك پەزىلىتىدە نورمالسىزلىقلار يۈز بېرىدۇ، ئۇلار ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا نورمال ساغلام تەرەققىي قىلالمايدۇ. ئۇلاردا ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى كەم بولىدۇ، بىر ئىشلاردا ھاياجىنىنى بېسىۋالالمايدۇ، ئوڭۇشسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرالمايدۇ، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ، مەسئۇلىيەتچانلىق كەم بولىدۇ، ئالغا ئىنتىلمەيدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە باشلىغاندىن كېيىن ئۇلاردىكى ئىنسانلىق پەزىلىتى، گەپ-سۆز ھەرىكەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشلارمۇ كۆپ بولىدۇ. مۇشۇنداق تۇرمۇش شارائىتىدا ئۇلار ئاتا-ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە، كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارغا پسىخىك تەرەپلەردىن يېتەكچىلىك قىلىپ تەربىيىلەپ، مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانلىق پەزىلىتىدىن چەتنەپ كەتكەن تەرەپلىرىنى زېرىكمەي-تېرىكمەي تەربىيە بېرىپ تۈزىتىپ، ناچار ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم.
3) قىممەت كۆز قارىشى تەربىيىسى بېرىش
ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن قىممەت كۆز قارىشى تەربىيىسى بېرىش ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى ئازايتىش ۋە ئالدىنى ئېلىشتىكى ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى. ياشلار-ئۆسمۈرلەردە قىممەت كۆز قارىشى يېتىلىش جەريانىدا ئۇلاردا ئېلاستىكلىق (ئەۋرىشىملىك) كۈچلۈك بولىدۇ. ناھايىتى ئاسانلا ناچار ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ يېتەكلەشنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا كىشىلىك تۇرمۇشىنى توغرا تاللاشنى، نېمىنىڭ توغرا ئىجتىمائىي كەيپىيات ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش لازىم. يەنى ئۆزىنىڭ غايىسىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، نېمىلەرنى قىلىش، قانداق قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىشى، غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ساغلام ۋە ئالىيجانابلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىشى كېرەك. ئەگەر زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش مەسىلىسى ئالدىغا قويۇلسا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش يولىغا كىرىپ قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆز ئىنسانلىق غورۇرىغا نۇقسان يېتىپ قېلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.
4) ساغلام، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش.
زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش جەريانىدا ساغلام، مەدەنىي كۆڭۈل ئىچىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، مەلۇم دەرىجىدە نورمالسىز پائالىيەتلەرگە بولغان قىزىقىشنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ ۋە بىمەنە زېرىكىشلىك تۇرمۇش سەۋەبى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىپ قېلىشىدىن ساقلايدۇ. گەرچە ساغلام كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى شۇنچە نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئازراق پايدا-مەنپەئەتنى كۆزلەپ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ سودىسىنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىشى ئۈچۈن ئۆز تىجارىتىگە سېرىق، شەھۋانىي نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋالىدۇ. شۇڭلاشقا سېرىق، شەھۋانىي نەرسىلەر ئارىلاشقان تىجارەت ئورۇنلىرىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. چۈنكى بۇنداق تىجارەت ئورۇنلىرى ناھايىتى ئاسانلا زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش، زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ-سېتىش ياكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئۇچرىشىدىغان مەيدانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. يەنە ئاشۇ بىر قىسىم ئىرادىسى ئاجىز ياش-ئۆسمۈرلەر ئوغۇل-قىزلىرىنى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش يولىغا باشلاپ قويىدۇ. ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ساغلام مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئەھۋالنى تۈگىتىشلىرى لازىم. ئىجتىمائىي ئەخلاقنى چىرىتىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى كەسكىن، قەتئىي، ئۈزۈل-كېسىل يوق قىلىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئىجتىمائىي مۇھىتىنى تازىلاش زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button