زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

زەھەرنى تاشلاشنىڭ قىيىن بولۇشىدىكى 3 خىل سەۋەب

زەھەرگە خۇمار بولغانلىق دورىغا ئىنتىلىشتىكى بىر خىل روھىي ھالەت ۋە بەدەننىڭ ئېھتىياجىدا پەيدا بولغان كېسەللىك ئالامىتى. زەھەر چەككۈچىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە زەھەر چېكىشىدىكى سەۋەبلەر مۇرەككەپ، ئومۇمەن ئېيتقاندا، زەھەرگە نىسبەتەن بىلىمسىزلىكى ۋە ساغلام بولمىغان پسىخىكا كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن، زەھەرگە قىزىقىش، ھەمراھى ۋە دوستلىرىنىڭ ئازدۇرىشى، قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىش، بىكارچىلىقتىن مەنىسىزلىك ھېس قىلىش، تەتۈر پسىخىكىسىنىڭ تۈرتكىسى قاتارلىقلار. ئەگەر خۇمار بولۇپ قالسا تاشلىماق تەس.بۇنىڭ 3 خىل سەۋەبى بار.

زەھەرنى تاشلاشنىڭ قىيىن بولۇشىدىكى 3 خىل سەۋەب

1) زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلار ئۆزىنى مەست قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتىن قاچىدۇ. بۇ خىل ئادەملەردە بىر خىل روھىي توسقۇنلۇق ياكى پسىخىكىلىق توقۇنۇش بولىدۇ، زەھەر ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى توقۇنۇش، جىددىيلىك ۋە بېسىمنى پەسەيتىدۇ.
2) زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلار روھىي غىدىقلاشنى ئىزدەيدۇ. زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ روھىي ئۈنۈمى شۇكى، ئادەمگە بىرخىل كۈچلۈك غىدىقلاش ۋە ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى بېرىدۇ. بۇ خىل نورمال بولمىغان فىزىئولوگىيىلىك غىدىقلاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار زەھەرلىك چېكىملىكنى ئۈزلۈكسىز چېكىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلالمايدۇ. ئاخىرىدا تاشلاش تەس بولىدۇ.
3) زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلار دورىنى توختاتقاندىن كېيىنكى قىينىلىش ۋە ئاغرىققا چىدىيالمايدۇ. مەسىلەن، داۋاملىق چەكمىسە، ئورگانىزمدا بىر خىل نورمالسىزلىق ۋە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ.
بۇ ئۈچ سەۋەب ئارىسىدا ئېنىق پەرق يوق. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىدىكى توسالغۇ، روھىي ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۆزئارا شەرت قىلىشىدىغان، ئۆزئارا غىدىقلايدىغان يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش بولۇپ، نۇرغۇن پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى، قانداق پسىخىك مەقسەتتە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بىرلا قېتىم چېكىپ قالسا تاشلىماق تەس بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button