زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش

تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ مەنىۋى زىيىنى

تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئوخشاشلا جەمئىيەت ۋە مىللەتنى يولدىن ئاداشتۇرىدىغان مەنىۋى ئەخلەت. بۇ ئىككىسى كىشىگە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئەكسىچە زەھەرلىك چېكىملىك يىگىت-قىزلىرىمىزنى رەڭگى-روھى تاتىراڭغۇ، ئۆپكە كېسىلى، كاناي راكى، قان راكى، ئارتېرىيە قېتىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ، جىسمانىي جەھەتتىن خوراپ، مەنىۋىي جەھەتتىن ئازابلىنىش، مىجەزى چۇسلىشىپ، سوقۇشقاق، جېدەلخورلۇق قىلىش، كىشىلەرگە ئەدەپسىز، قوپال مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۆلچەرلىگۈسىز مەنىۋى زىياندۇر. تاماكا چېكىش ساختا مەدەنىيەتنىڭ يۇقۇندىسى بولۇپ، ئىنسانغا جىسمانىي، ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىن پايدىسىز بولغان، ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي جەھەتتىن چەكلەنگەن مۇشۇنداق نەرسىنى چېكىش ئەمەلىيەتتە خاتا. ئۇ ھەرگىز مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى بولالمايدۇ.
تاماكا تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى بولۇشى ناتايىن، كىشىلەر ئادەتتە زىيىنى يوق دەپ ھېسابلايدىغان تاماكىنىڭ زىيىنى يۇقىرىقىدەك ئېغىر بولغان يەردە، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ مەنىۋى زىيىنى تاماكىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئىجتىمائىي سېزىمىنى، ئېتىقادىنى، ئۆزىنىڭ غۇرۇرى، قەدىر-قىممىتىنى، كېشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى يوقايقۇچى بولۇپ، ئۇلار زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئۈچۈن ھەر خىل قەبىھ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ، جەمئىيەتكە ۋە كىشىلەرگە زىيان سالىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسىدە، ھۆكۈمەت ۋە ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى گەۋدە سەللا بىخەستىلىك قىلىدىكەن، زەھەرلىك چېكىملىكنى چەكلەش خىزمىتىنى سەللا بوشاشتۇرۇپ قويىدىكەن، ئىنتايىن زىيانلىق يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش كۆپ ھاللاردا ياشلاردا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ياشلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى، ۋەتەننىڭ ئىگىسى، ئەگەر ياش ئەۋلادلار زەھەرگە بېرىلىپ، ئۆزىنى نابۇت قىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئۆز غايىسىنى، ياشاش ئىستىكىنى يوقاتقان بولىدۇ. مىجەزى تۇراقسىز، روھىي جەھەتتىن بىنورمال بولۇپ، جەمئىيەتكە ۋە خەلققە پايدىلىق ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئائىلىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خانىۋەيران قىلغانلىقتىن، ئىجتىمائىي جەھەتتىن مۇقىمسىز،مەنىۋي جەھەتتىن چۈشكۈن جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ھاسىل قىلىنىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا، ھەر ساھە جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، زەھەرنى تازىلاپ، مەنىۋى روھىمىزنى ساپلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن ياخشى ئەخلاق قارشى تىكلەپ، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىش ھەممە كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button