زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرگە بولغان مۇئامىلە
بۇ مەسىلىنى بىلىۋېلىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەردە بىر خىل ئىككى قۇتۇپلۇق پسىخولوگىيىلىك ھالەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاشۇ ئاق رەڭلىك ئالۋاستىنىڭ ئىتائەتمەن قۇللىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان بولۇپ، بۇ پاتقاقتىن ئۆزىنى ئۆزى تارتىپ ئېلىشقا كۈچ مادارى يەتمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ئىتائەتمەن قۇللۇقىدىن ھەقىقىي قۇتۇلۇپ چىقىشنى ئويلايدۇ، ئۈمىد قىلىدۇ، زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاش ئارزۇسى بولىدۇ. ئۇلاردىمۇ باشقىلاردەك غەمسىز، شاد-خۇرام، ئەركىن-ئازادە ياشاش ئىستىكى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇلار قۇتقۇزۇشقا، تەربىيىگە، ياردەمگە موھتاج.
زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بۇ پاتقاقتىن قۇتقۇزۇپ چىققۇچىلار ئاخىرقى ھېسابتا ئائىلە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتتۇر. جەمئىيەت-ئىدارە، زاۋۇت، كارخانا، مەكتەپ، شىركەت، ئىجتىمائىي رايون…. قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. جەمئىيەت ئۇلارنى كەمسىتىپ، يەكلەپ چەتكە قېقىپ، ئۇلارنى ئىتتىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. خىزمەت، ئىش ئورنى بار ياشلار-ئۆسمۈرلەر زەھەرلىك چېكىملىك چەككەن بولسا ئۇلارغا دەرھال مەجبۇرىي چارە-تەدبىر بېرىش، ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئىش ئورنىدىن يېنىكلىك بىلەن قالدۇرۇۋەتمەي، زەھەرلىك چېكىملىك پاتقىقىدىن بالدۇراق قۇتۇلۇپ چىقىشىغا، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە قايتىپ يېڭى تۇرمۇش باشلىشىغا ياردەم قىلىش لازىم. بۇنداق قېلىشنىڭ تۈپ مەقسىتى-كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتىن ئىبارەت. ناۋادا ئەھۋال سېزىلىدىكەن، ھەرگىز ئالدىنىپ قالماي، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەي، تەسىرلەنگۈدەك قېلىپ تەنقىد-تەربىيە بېرىش، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە تىنچ، ياخشىراق مۇھىتتا ئەستايىدىل سۆزلىشىشىمىز، كۆڭۈل ئازادىلىكى بولۇشى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشىمىز، زەھەرلىك چېكىملىكنى تاشلاپ داۋالىنىشنى تەلەپ قىلغۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئۇلاردا ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش تۇيغۇسىنى ئويغىتىشىمىز، بۇنىڭلىق بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى تاشلاشنى «ئۆزەمنىڭ ئىشى، چوقۇم تاشلايمەن» دېگەن قاراشنى تىكلىشىگە، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى باشقا نورمال مەنىلىك ئىشلارغا، ئۆگىنىشكە، ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت ئىشلەشكە بۇراپ، يېڭىچە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا يېتەكلىشىمىز لازىم.
ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارمۇ زەھەرلىك چېكىملىك چەككەن ئۆز پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن توغرا پوزىتسىيىدە بولۇشى لازىم. زەھەرلىك چېكىملىك-ئۇ بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئېغىر بالايىئاپەت. بەزى ئائىلىلەر بالىنىڭ دەرد-ئەلىمىنى بولغۇچە تارتىپ پۈتۈن بىساتىدىن، مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىپ ئائىلىسى ۋەيران بولغاندىمۇ يەنىلا ئۆز بالىسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشىنى توسۇش ئۈچۈن بالىغا تەربىيە، نەسىھەت قىلىش، تەنقىدلەش، ئۇرۇش-تىللاش، سولاپ قويۇش، ھەتتا يېلىنىپ-يالۋۇرۇش، ئىزىغا چۈشۈش….قاتارلىق نۇرغۇن ئۇسۇللارنى قوللانسىمۇ پەرزەنتىنى چېكىملىكتىن قول ئۈزدۈرەلمىگەندىن كېيىن ئاخىرى پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزۈپ بالىغا نىسبەتەن كارى بولماسلىق….قاتارلىق شەكىلدىكى پوزىتسىيىسىنى قوللانغان، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل پوزىتسىيە مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى تېخىمۇ ئەدەپ، ھېچ ئەيمەنمەستىن، تەپ تارتماستىن زەھەرلىك چېكىملىك چېكىۋېرىدۇ. ھەتتا جىنايەت يولىغا قاراپ ماڭىدۇ.
1) ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلار زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زادى نېمىلىكىنى، زەھەرلىك چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ قانداقلىقىنى، ئۇنىڭ ئالامەتلىرىنى بىلىشى كېرەك. زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچى پەرزەنتىنىڭ مىجەز-پسىخىكىسى، سۆز-ھەرىكەتلىرىنى، بەدىنىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى چۈشىنىشى، ئىگىلىشى لازىم. ئائىلە ئەھۋالىنىڭ (ئامىلنىڭ) زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى تاشلاشنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.
2) ئائىلە باشلىقلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە نىسبەتەن ئاكتىپلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشى، پات-پات ئۆز-ئارا سىردىشىپ ئەھۋال ئىگىلەپ تۇرۇشى، ياخشى نەسىھەت، ئەمەلىي مىساللار بىلەن تەسىرلەندۈرۈپ، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى تاشلىشىغا يېقىندىن ياردەملىشىشى، ھەمكارلىشىشى، تەربىيىنى كۈچەيتىشى لازىم. ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئالدىراقسانلىق قىلىپ قوپال مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇرۇشقا، شۇنداقلا ھەددىدىن زىيادە يالۋۇرۇپ يېلىنىشقا، ئۆز مەيلىگە، ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىگە قىلچىمۇ تەسىرى، رولى بولماستىن، بەلكى ئەكسىچە ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئېڭىنى كۈچەيتىۋېتىپ، زەھەرلىك چېكىملىك تاشلاتقۇزۇشقا قىيىنچىلىق كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
3) زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك پاتقىقىدىن قۇتۇلۇشىدا يالغۇز شەخسنىڭ كۈچىگە تايانغان بىلەنلا بولمايدۇ. ئائىلە، كوللېكتىپنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنىڭ رولى، تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئائىلىدىكىلەرنىڭ غەمخۇرلۇق قىلىشى، توغرا پوزىتسىيىسى ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ۋىجدانىنى، غورۇرىنى ئۇرغۇتۇپ، زەھەر تاشلاش ئىرادىسىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئائىلىدىكىلەرمۇ مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇپ داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ خىزمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن يېقىندىن ماسلىشىشى لازىم.
4) ئاتا-ئانىلار، ئۇرۇق-تۇغقانلارمۇ مۇئامىلىدە ئۆزىلىرىدە يېتەرسىزلىك، كەمتۈكلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى لازىم. زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئائىلىدىكى يوشۇرۇن ئامىللار بولسا ئۇنى تۈگىتىشى، ئائىلىدىكى زىددىيەتلەرنى توغرا ھەل قىلىشى لازىم. ئائىلىدە جېدەل-ماجىرا، زىيادە ئاچچىقلىنىش، زىيادە تەنبىھ، بېسىم قاتارلىق پايدىسىز ئامىللار بولسا ئۇنى تۈگىتىش لازىم. ئائىلىدە ئىللىق مۇئامىلە، ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆز-ئارا كەچۈرۈم قىلىپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلەشلەرنىڭ كۆپرەكى بولۇشى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرگە توغرا مۇئامىلىدە بولۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلىدىن ئىبارەت.