سۆڭەك كىسەللىكلەر

بەل ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش

تۇنۇش ؛

ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەل ئۇمۇرتقا تىنى ئوسۇپ ،ئۇمۇرتقا ئارلىق نىرۋىلىرى ۋە قان تۇمۇرلىرى بېسىمغا ئۇچىراپ ،كىلنىكىدا بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش ،بېسلىش سىزىمى بۇلۇش ، ھەركىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچىراش ،پۇتلار نىڭ سىزىمى سۇس بۇلۇش ، ئۇيۇشۇش ،پۇتىنى كوتۇرۇش سىنىقى ئىشلىگەندە تارتىشقاندەك ئاغرىش سىزىمى بۇلۇش ،ئېغىر بولغۇچىلاردا يىگلەش بىلەن ئىپادىلىنغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكدىن ئىبارەت .

دىئاگىنۇز ئاساسى

1)    تىپىك كىسەللىك ئالامەتلىرىدىن بەل ساھاسى ئاغرىش ، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، توۋەنكى موچە سىقىراپ ياكى يىپ تارتىپ ئاغرىش بولوش .

2)    سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن  .

ئالامىتى :

 كىسەل باشلانغاندا بەل ساھاسى تىلىپ ئاغرىش كورولوپ كىسەلنىڭ تەرەققى قىلشىغا ئەگىشىپ ئاغرىق تەدرىجى كۈچۇيۇپ تۆۋەنكى مۆچىلەرگە تارقىلىدۇ، ھەركىتى يىنىك دەرىجىدە قىيىنلىشىش بۇلىدۇ، تۆۋەنكى مۆچىلەر سىقىراپ ياكى يىپ تارتقاندەك ئاغرىش ئەھۋالى بولۇپ ئىغىرلاشقاندا تۆۋەنكى مۆچىلەرنىڭ مۇسكۇلى يىگىلەش ، سىزىمى توۋەنلەش ، ھەركىتى ئىغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .

دەرىجىگە بۆلۈنىشى :

1 . يىنىك دەرىجىدە : بەل ئاغرىش ، ئاغرىق تۆۋەنكى مۆچىگە  تارقالمايدۇ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئۇمۇرتقا قىرىدا ينىك دەرىجىدە ئوسوكچە كورونوش .

2 . ئۇتتۇرھال دەرىجە : بەل ئاغرىش ، ھەركىتى قىيىنلىشىش، تۆۋەنكى مۆچىلەر سىقىراپ ئاغرىش بۇلۇپ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئۇمۇرتقا قىرىدا نىسپەتەن چوڭ ئوسوكچە كورونوش .

3 . ئېغىر دەرىجىدە :بەل ئاغرىش ، تۆۋەنكى مۆچە يىپ تارتقاندەك ئاغرىش ،ئىغىر دەرىجىدە ھەركىتى قىيىنلشىش بۇلۇپ ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئۇمۇرتقا قىرىدا كورونەرلىك ئوسوكچە كورونوش .

داۋالاش پىرىنسىپى :

1 . روھى جەھەتتە كېسەلدىن ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، قائىدىلىك پەرۋىش ۋە پەرھىزى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ .

2 . قايسى خىل غەيرى تەبىئى  خىلىتتىن كىلىپ چىققان بولسا شۇخىل غەيرى تەبىئى خىلىتنىڭ مۇنزىچ – مۇسھىلى بىرىلىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ .

3 . ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى، قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .

5 . فىزىكىلق داۋالاش يەنىي بەلدىن ئىسىش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، لوڭقا قويوش ، يىڭنە سانچىش قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلىدۇ . 6 . رەئىس ئەزالار ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى ئاشۇرغۇچى دورىلار بىرىلىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button