سۆڭەك كىسەللىكلەر

بويۇن ئومورىتقا سوڭەك ئۆسۈش

تونوش :

سوڭەك ئوسوش كىسەللىكى ، سۆڭەك ئۆسۈكچىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر ‹‹سۆڭەك ئۆسۈكچىسىنى ›› رىماتىزىمدىن بولغان سوڭەك ئاغرىشنىڭ بىرخىل ئالامىتى دەپ قاراپ كەلگەن ، داۋالاش ئۈنۈمىمۇ كۆرۈنەرلىك بولمىغان . ھازىر ‹‹سۆڭەك ئۆسۈش›› دەپ توغرا تونوپ كەلمەكتە . ھازىرقى زامان زامانىۋى مىدىتسىنا پەن تىخنىكىسىنىڭ ئۇزلىكسىز يۇقۇرى كۆتۈرلىشى بىلەن ، كىشىلەر رىنتىگىن CR، CT،MRI  قاتارلىق ئىلغار ئۇسكۇنلەر ئارقىلىق سوڭەك ئوسكەن ئورۇن ۋە ئوسوش دەرىجىسىنى ناھايىتى ئاسان ۋە ئىنىق ھالدا بىلەلەيدۇ . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ سوڭەك ئوسوش كىسەللىكىگە بولغان تونوشى ، داۋالاش ئۇنۇمى جەھەتتە ناھايىتى يۇقۇرى ئۇنۇمگە ئىرىشىپ كەلمەكتە.

 بويۇن ئومورىتقا سوڭەك ئوسوش كىسەللىكى بولسا ، بويون ئومورىتقا ئوزگىرىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان بىر خىل چىكىنىش خاراكتىرلىك كىسەللىك بولوپ، تىخىمۇ ئىنىق قىلىپ دىگەندە، بويون ئومورىتقا ئارلىق تەخسىسى ، ئومورىتقا بوغومى ، كومورچەك تارامۇش ، مۇسكۇل ،سېرىق ئەت، قاتارلىقلارنىڭكى چىكىنىش خاراكتىرلىك ئوزگىرشىدىن يۇلۇن،نىرۋا،قان تومۇر  قاتارلىىقلارنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن مەسلەن : بېسىش ، غىدىقلاش ، تەڭپۇڭلىغىنى يوقىتىش ، غەيرى تەبىى خىلىتلارنىڭ بولوپمۇ غەيرى تەبىې سەۋدانىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن كىلىپ چىققان بىر قاتار كىلنىك ئالامىتنىڭ يىغىندىسى، بويون ئومورىتقا سوڭەك ئوسوش دەپ ئاتىلىدۇ.

تۇرى ۋە ئالامىتى :

سوڭەك ئوسكەن ئورون ، قان – تومور ۋە نىرىپلارنىڭ بىسىمغا ئۇچراش دەرىجىسى ، ئالامىتىگە ئاساسەن بويون ئومورىتقا سوڭەك ئوسوش كىسەللىكى 7 تۇرگە بولونىدۇ ، كىلنىك ئالامىتىمو ئوخشاش بولمايدۇ.

1)    بويون تىپلىق:

كوپ خىل بويون ئومورىتقا كىسەللىكىنىڭ ئالدىنقى ئىپادىسى بولوپ ، كوپ خىل سەۋەپتىن يىنىك دەرىجىدە سىرىتقى زەخمە ، بويون مۇسكۇللىرى چارچاش  مەسلەن ، ئۇخلاش ھالىتى نورمال بولماسلىق ، ياستۇقنى بەك ئىگىز قويوپ يىتىش ، ئۇزۇن مۇددەت بىشىنى ئىگىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىقلاردىن بويۇن مۇسكۇلى قېرىش كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى بولسا: بويۇن ئەتراپى ئىچىشىپ ئاغرىش ، ھەركەت يىنىك دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش ،كوپ خىل ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ئىچىشىپ ياكى تىلىپ ئاغرىش ، بشنى ھەركەتلەندۇرگەندە ئاغرىش ئېغىرلاش ، بەزىدە ئاغرىش غول تەرەپكە تارقىلىش . بويون قىسمى قىتىش ،ھەركەت قىلغاندا ئاۋاز چىقىش ، بەزىدە تاسمسىمان شەكىلدە قاتتىقلىق بىلنىدۇ ، باشنى ئاغرىق تەرەپكە ئەگكەندە بويون ھەركىتى توسقونلوققا ئۇچرايدۇ. بويون مۇسكۇلى بېسلىپ ئاغرىيدۇ. ئوزى ئەينەككە قاراپ  تەكشۇرگەندە كورونەرلىك ئىششىش ، قىزىرىش ئالامىتى كورولمەيدۇ. ئوزى تەكشۇرگەندە دائىم بىر تەرەپتە ئاغرىش ئورنىنى تاپالايدۇ .

2)    نېرىپ تىپلىق :

سوڭەك ئوسوكچىسى نېرىپنى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: بويۇن ،مورە ، غول ، ساھاسىدە ئاغرىش ، ئىچىشىش ، چىڭقىلىش ، سانجىلىپ ئاغرىش ، قىززىپ ئاغرىش ، بويون ھەركىتى توسقونلۇققا ئۇچراش ، يۇقۇرقى موچە كۇچسىز بولوش ، سىقىراش ، تۇتۇش كۇچى توۋەنلەش ، مۇسكۇل يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

3)    يۇلۇن تىپلىق :

 سوڭەك ئوسوكچىسى يۇلۇننى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: يۇقۇر توۋەن موچىلەر سىقىراش ، مۇسكۇل كۇچسىز بولوش ، راۋان ماڭالماسلىق ، ئاسان يىقىلىپ كىتىش ، ھەتتا كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق،چوڭ-كىچىك تەرەتتە  قىيىنلىشىش ، قەۋزىيەت ، يۇقۇر – توۋەن موچىلەر پالەچلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ.

4)    ئومورىتقا ئارتىريەسى  تىپلىق.

سوڭەك ئوسوكچىسى ئومورىتقا ئارتىريەسىنى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى : باش ئاغرىش ، كوڭلى ئىلىشىش  ، قۇسۇش ، قۇلاق غوڭولداش ، قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ. كوپىنچە ھالدا ، ۋاقىتلىق ياكى بويون بىرخىل شەكىلدە بولىدۇ، بويون شۇخىل ھالەتتىن ئوزگەرگەندە بىر ئاز ياخشىلىنىدۇ ياكى كىلنىك ئالامىتى يوقولىدۇ.

5)    سىمپاتىك نىرۋا تىپلىق:

يۇرەك چالاڭغۇراش ، يۇتۇش قىيىنلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، قان بېسىم يۇقۇرلاش ، كوپ تەرلەش ( دائىرلىك ،بىر ئوروندا يەنى باش ، بويون ،  يۇقۇر-توۋەن موچىنىڭ يىراق قىسمىدا ياكى يېرىم بەدەندە كورىلىدۇ)

6) يۇتقۇنچاق تىپلىق:

بويون ئومورىتقا ئالدى تەرپىدىكى  سوڭەك ئوسوكچىسى يۇتقۇنچاقنىڭ كەينى تەرپىنى بېسىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ. كىلنىكىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ .  ئاساسلىق ئالامىتى :  بويون قىسىمى ئاغرىش، قول سىقىراش ، يۇتقۇنچاقتا غەيرى سىزىم بولوش ، يۇتۇش قىيىنلىشىش ، بەلغەم تۇرۇپ قېلىش سىزىمى بولوش بىلەن بىرگە نىرۋا ئاجىزلىق، كەم سوزلوك ، ئىشتىھاسىزلىق ، ئۇيقۇسىزلىق ، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. ئالامىتىنىڭ ئىغىر يەڭگىل بولوشى سوڭەك ئوسوكچىسىنىڭ چوڭ – كىچىك بولوشى ، ئورنى ، شەكىلى ، بىلەن موناسىۋەتلىك.

7) ئارلاشما تىپلىق:

يۇقۇردىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىپىدىكى كىلنىك ئالامەتلەرنىڭ قوشولوپ كىلىشى ئارلاشما تىپلىق بويون ئومورىتقا كىسەللىكى دىيلىدۇ.

 يۇقۇرقى ھەرقايسى تىپ، ئاناتومىيەسى جەھەتتىن زىچ باغلىنىشلىق ، بىرلا ۋاقىتتا كىسەللىكنىڭ غىدىقىلىنىشى ياكى بېسىلىشى بىرلا ۋاقىتتا كورولىشى بىر قەدەر كوپ ئۇچرايدۇ.

سەۋەبى ۋە مىخانىزىمى:

سوڭەك ئوسوش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كىسەللىك تارىخىنى ئانالىز قىلغاندا بۇخىل كىسەللىكنىڭ  ئەڭ ئاسالىق سەۋەبى خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبى ئوزگىرىشى بولوپمۇ غەيرى تەبى سەۋدا خىلىتى ،موزا تەملىك بەلغەم ۋە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ يەرلىك ئورونغا چوكمىگە چۇشۇشى تەسىردىن يەرلىك ئوروننىڭ نورمالنى ماددا ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كوپلەپ يىغىلىپ قىلىشى  ، ئۇندىن باشقا سوڭەك كالتىسيسى بىلەن قان تەركىۋىدىكى كالتىسى ئوتتىرسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ يوقولىشى بىلەن سوڭەك تەركىۋىدىكى كالتىسى مىقدارى ئازىيىپ كىتىدۇ ، سوڭەكتە زەخمە ياكى ئاجىزلىشىش يۇز بەرگەندە شۇ ئورونغا بەدەندىكى كالتىسى يىغىلىپ ئورنىنى تولدۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئەسلىدىكى نورمال دائىردىن ئىشىپ كەتكەندە سوڭەك ئوسوكچىسى شەكىللىنىدۇ.

 دىئاگىنۇز ئولچىمى

1) تىپىك كىلنىك ئالامىتى ، كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن

2)  سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن .

5. سىلىشتۇرما دىئاگىنۇز :

1) بويۇن ئومورىتقا ئارلىق تەخسىسى يۇرۇشۇپ كىتىش كىسەللىكىدىن.

2) بويون ئومورىتقا تىبىركىلىيۇزىدىن .

3) بويون ئومورىتقا تۇزلىشىپ قىلىشتىن .

4) بويونغا يەل تۇرۇپ قىلىشتىن .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button