سۆڭەك كىسەللىكلەر

بوغۇم ياللۇغىنىڭ تۆت خىل ئالامىتى

بوغۇم ياللۇغى قوزغىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بىر خىل رېماتىزىم كېسىلى بولۇپ، قېرىلىق، زەخملىنىش، ياللۇغ، سېمىزلىك، ماددا ئالماشتۇرۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە ئېرسىيەت ئامىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تېببىي خادىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بوغۇم ياللۇغىنى بالدۇر بايقاش داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. ئادەتتە بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئاغرىش، قېتىۋېلىش، قارسىلدىغان ئاۋاز چىقىش، ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلىرى بولىدىكەن. بوغۇم ياللۇغى ئېغىرلىشىپ كەتسە، ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن. شۇڭا، تۆۋەندىكى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ئېھتىيات قىلىش ۋە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
1. بوغۇملارنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراش:
ئەگەر بەزى بوغۇملار ئەركىن ھەرىكەتلىنەلمىسە، بۇ دەسلەپكى باسقۇچتىكى بوغۇم ياللۇغىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.
2. بوغۇملار قېتىۋېلىش:
بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرىدا دائىم پۇ-قوللىرى قېتىشىپ قالغاندەك سېزىم بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ھەم ئۇزۇن ۋاقىت ھەرىكەت قىلماي ئولتۇرغاندىن كېيىن كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
3. بوغۇملار ھەرىكەتلەنگەندە ئاۋاز چىقىش:
بوغۇم ياللۇغى ئېغىرلاشقاندا، كۆمۈرچەك ئىقتىدارىنى يوقىتىدىغان بولغاچقا، ئاستىدىكى سۆڭەك چىقىپ قالىدۇ-دە، بوغۇم ھەرىكەتلەنگەندە سۆڭەك بىر-بىرىگە سۈركىلىپ ئاۋاز چىقىرىدۇ.
4. بوغۇملار ئىششىپ شەكلى ئۆزگىرىش:
بوغۇملارنىڭ شەكلى ئۆزگەرسە بوغۇم پەردىسى ياللۇغلىنىدۇ.
بوغۇم پەردىسىدە نۇرغۇنلىغان نېرۋا ئۇچلىرى بولۇپ، ئاغرىق سېزىمىنى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ سىلىقلىغۇچى ئاجرالمىلار ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بوغۇم ئارىلىقىدىكى سۇيۇقلۇق كۆپىيىپ كېتىپ، ئىششىقنى پەيدا قىلىدۇ ۋە قاتتىق ئاغرىيدۇ. ھەتتا بوغۇملارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش مۇمكىن بولماي قالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button