سۆڭەك كىسەللىكلەر

قانداق كىشىلەر ئاسانلا بويون ئومورىتقا سوڭەك ئوسوش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ؟

1)  ياش پەرقى جەھەتتە:ئوتتورا ياش ۋە ياشانغانلاردا نىسپەتەن كوپ كورلىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ ، بويۇن ئومورىتقىسىنىڭ ئاستا خاراكتىرلىك قېرىشى بىلەن ئومورىتقا ئارلىق تەخسىسىنىڭ شەكلى ئوزگىرىپ ، ئىلاستىكىلىغى ئاجىزلايدۇ ، ئومورىتقا يان قىرىدا سوڭەك ئوسوكچىسى شەكىللىنىپ ، تارامۇشلا قىلىنلاپ چىكىنىش خاراكتىرلىك ئوزگىرىش يۇز بىرىدۇ ، بۇلار بولسا بويۇن ئومورىتقا سوڭەك ئوسوشنى كەلتۇرۇپ چىقارغۇچى ئامىل.

2)  كەسىپ جەھەتتە:ئۇزۇن مۇددەت بىشىنى توۋەن قىلىپ خىزمەت قىلغۇچىلار ياكى بىشىنى دائىم مەلوم بىر تەرەپكە بۇراپ خىزمەت قىلغۇچىلاردا كوپ كورلىدۇ . بۇخىل كەسىپتىكىلەر ئىشخانا خىزمەتچىلىرى ،خەت ئۇرغۇچىلار ، كومپىيۇتىر خىزمەتچىلىرى ، ئوپراتسىيە سېستىرالىرى ، ئۇزۇن مۇددەت مىكرۇسكۇپقا قارىغۇچىلار ، قاتناش ساقچىلىرى ….بۇخىل خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۇزۇن مۇددەت بىشىنى توۋەن قىلىپ خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا بويون كەينى مۇسكۇل  ، تارامۇش قاتارلىق توقولمىلاردا قېرىش يۇز بىرىدۇ ، شۇڭلاشقا كىسەل بولوش نىسپىتى ئەڭ يۇقۇرى بولىدۇ.

3)  ئوخلاش ھالىتى جەھەتتە:ياستۇقنى زىيادە ئىگىز  ياكى زىيادە پەس ياكى ياستۇقنىڭ ئورنى موۋاپىق بولماسلىق بىلەن ئومورىتقا يان مۇسكۇل ، تارامۇش ، بوغوملار ئوتتىرسىدىكى تەڭپۇڭلىقنىڭ يوقولىشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قېرىش يۇز بىرىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن ، ياستۇقنى ئىگىز قويوپ ياتقۇچىلاردا ئەكسىچە ‹‹بويونغا يەل تۇرۇپ قىلىش›› يۇزبىرىپ، بۇ خىل كىسەللىك ئەڭ كوپ كورىلىدۇ .

4)    بويون ئومورىتقا ساھاسى زەخمىلىنىشكە ئۇچرىغانلاردا كوپ كورىلىدۇ .

داۋالاش پىرىنىسىپى :

1)  تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسىسىق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتىلدۇ . ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋىتى يۇقىرى بولغان يىمەك- ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ .

2)     كېسەللىك ماددىسغا قارىتا مۇنزىچ ، مۇسھىل بىرىلىدۇ .

3)  ماددىلارنى تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .

4)     ھەزىمنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .

5)   بويۇندىن ئىسىش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانجىش ،  ئىسسىق ئوتكوزوش  ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ توسالغۇنى ئاچقۇچى ئىسسق تەبىئەتلىك ياغلاردىن تاللاپ يەرلىك ئوروننى ياغلاش ئىلىپ بىرىلىدۇ . 6)     كېسەللىكنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ۋە كېسەللىك ئۆزگۈرىشىگە قارىتا داۋالاش ئىلىپ بېرىلىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button