سۆڭەك كىسەللىكلەرسۆڭەك كېسەللىكى

بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىنىڭ ئون خىل ئىپادىسى

بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىگە ئاسانلا خاتا دىئاگنوز قويۇلۇپ قالىدىغان بولغاچقا، مۇتەخەسسىسلەر بەدەندە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بويۇن ئومۇرتقىسىدا مەسىلە بار-يوقلىقنى تەكشۈرتۈپ بېقىشنى تەۋىسىيە قىلدى.
1. باش ياكى چېكە ئاغرىش؛ 2. باش قېيىش؛ 3. قۇلاق غۇڭۇلداش ياكى ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش؛ 4. يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش، يۈرەك سانجىپ ئاغرىغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈش («بويۇن ئومۇرتقىسى خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكى»، بويۇن نېرۋا تۈگۈنلىرى سىمپاتىك غولى غىدىقلىنىشقا ئۇچرىسىلا يۈرەككە تەسىر كۆرسىتىپ، «يۈرەك كېسەللىكى» گە ئوخشاپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ)؛ 5. قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىش؛ 6. قان بېسىمى يۇقىرىلاپ كېتىش؛ 7. ئىچكى ئەزالار ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى. مەسىلەن: نەپەسلىنىش سىستېمىسى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش؛ 8. چاچتا ماي مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇش، باشتا مايلىق تېرە ياللۇغى كۆپ يۈز بېرىش، چاچ چۈشۈش؛ 9. باش دائىم بىر يانغا قىڭغىيدىغان بولۇپ قېلىش؛ 10. گەجگە ئاغرىش.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button