قۇلاق كېسەللىكى

قۇلاق كەينى يېرىلىش

     قۇلاق كەينى يېرىلىش( تەرقىيدەنى بىيخى گۇش، شىقاقى ئەسلۇلئۇزنى) بۇ قۇلاقنىڭ كەينى يېرىلىپ، چاقىغا ئايلانغان كېسەلگە قارىتىلغان بولۇپ، كۆپىنچە بالىلاردا ئۇچرايدۇ.
    سەۋەبى: كىچىك بالىلارنىڭ تېرىسى نېپىز، نازۇك بولغاچقا كۆپ قۇسۇش، تەرلەش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، قۇلاق كەينى يۇقۇملىنىپ ( ئۇفۇنەتلىنىپ) قىزىرىش، قىچىشىش، سولىشىش، يېرىلىشلار كېلىپ چىقىدۇ. يېرىلغان جايدىن داۋاملىق سېرىقسۇ چىقىپ ئەتراپقا كېڭىيىپ چاقىغا ئايلىنىدۇ.
    ئالامىتى: قۇلاق سۇپرىسىنىڭ كەينىدە دەسلەپتە قىزىرىش، قىچىشىش، ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولۇپ، تاتلاش، سۈركىلىش نەتىجىسىدە سېرىق سۇ چىقىپ، كېڭىيىپ سېرىق چاقىغا ئايلىنىدۇ. بەزىدە چاقىلار  ھەتتا قۇلاق كەينىدىن يۈز ۋە باش ساھەلىرىگىچە تارقىلىپ، قچىشىش بارغانسىرى كۈچىيىدۇ.
    داۋاسى: دەسلەپتە ئىككى تاغاقنىڭ ئوتتۇرىسى ۋە قۇلاقنىڭ تۈۋىنى يەڭگىل تىلىپ، قائىدە بويىچە لوڭقا قويۇش ھەمدە ماددىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن شۇ جاينى ئانا سۈتى بىلەن يۇيۇش كېرەك.
     قۇلاق كەينىنى تازىلاش ئۈچۈن 10 گرام مامىرانچىننى 100 گرام سۇ بىلەن يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، پاختىنى چىلاپ تازىلاش كېرەك.
    قۇلاق كەينىدىكى جاراھەتنى قۇرۇتۇپ ساقايتىش ئۈچۈن مەدەستاننى يۇمشاق سوقۇپ سېپىپ ياكى سۇفۇپى سۇنۇننى يۇمشاق سوقىۇپ سېپىش كېرەك. بەزىدە ئۆز ئانىسىنىڭ سۈتىنى سۈركەپ قويسىمۇ ياخشى بولۇپ قالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button