قۇلاق كېسەللىكى

قۇلاق قىچىشىش

     قۇلاق قىچىشىش (ھىككەتۇلئۇزنى، خارىشى گۇش) بەزى ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇلاقنىڭ ئۆزلىكىدىن قىچىشىپ بىئارام قىلغانلىقىغا قارىتىلغان.
     سەۋەبى :
     تاشقى سەۋەبلەردىن قۇلاق تازىلىقى ياخشى بولماسلىق، يەللىك نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ۋە قۇلاق ئىچى ئىششىش، ئۇششاق مۆدۈر چىقىش قاتارلىقلار ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ يەل( بۇخارلار) غا ئايلىنىپ قۇلاققا يامان تەسىر قىلغانلىقتىن قۇلاق قىچىشىش كېلىپ چىقىدۇ.
    ئىچكى سەۋەبلەردىن ئاساسلىقى بەزى كىشىلەردە نورمالسىز بەلغەم قۇلاققا يامان تەسىر قىلغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
    ئالامىتى :
    قۇلاق قىچىشىدۇ، ئەمما ئاڭلاش ئىقتىدارى نورمال بولىدۇ. قۇلاق قىچىشىش، قۇلاق ئىچى ئىششىقى، قۇلاق ئىچىگە مۈدۈر چىقىشتەك كېسەللەرنىڭ تەسىرىدىن بولسا قىچىشىش دائىم بىر خىلدا بولىدۇ. يەلدىن بولسا يەللىك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ۋە قۇلاق تازىلىقى ياخشى بولمىغاندا كۈچىيىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button