قۇلاق كېسەللىكى

قۇلاق غوڭۇلداش

قۇلاق غوڭۇلداش(تەننىيىن ۋە دەۋۋەي) قۇلاققا ھەر خىل غەيرىي ئاۋازلار قارىتىلغىنىغا قارىتىلغان. ئۇ تاشقى ھاۋا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي پەقەت ئىچكى تەرەپتىكى ھاۋا ۋە بۇخارلار تەرىپىدىن قۇلاققا غەيرىي ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ. بۇ ئاۋازلار يالغان ئاۋاز يەنى خىيالىي ئاۋاز سېزىمى دەپ ئاتىلىدۇ. يۇمشاق ۋە ئاستىراق ئەمما چوڭراق بولغىنى دەۋۋەي دەپ ئاتىلىدۇ.
     ئاڭلاش خىزمىتىدىكى غەيرىي نورماللىق ئادەتتە ئۈچ خىل دەرىجدە بولىدۇ: 1. بۇزۇلۇش ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىش يەنى بوتلان دەرىجىسى: بۇنىڭدا قۇلاق ھېچقانداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدۇ. بۇ ئادەتتە گاسلىقتىن ئىبارەت.
     2. كەملىك ياكى يېتەرسىزلىك يەنى نوقسان دەرىجىسى: بۇنىڭدا قۇلاق تۆۋەن ئاۋازلارنى ۋە يىراقتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالمايدۇ. بۇ ئادەتتە قۇلاڭ ئېغىرلىشىپ قېلىش يەنى ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئىبارەت.
   3. تەشۋىش دەرىجىسى: بۇنىڭغا قۇلاققا يالغان ۋە ئەمىلىيەتتە يوق غەيرىي ئاۋازلار  ئاڭلىنىدۇ. بۇ ئادەتتىكى قۇلاق غوڭۇلداشتىن ئىبارەت .
   سەۋەبى:
   قۇلاق غوڭۇلداشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى چوڭ دەرىجىدىن 4 تۈرگە بۆلىنىدۇ. بەزى تۈرلىرى بىر قانچە كىچىك خىللارغا ئايرىلىدۇ:
   1 ، قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ھىسسىي قۇۋىتى بەك كۈچىيىپ ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەنلىكتىن قۇلاق غوڭۇلداش كېلىپ چىقىدۇ.
   2. قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ھىسسىي قۇۋىتى بەك ئاجىزلاشقانلىقتىن قۇلاق غوڭۇلداش كېلىپ چېقىدۇ.
  1) ھەزىم بۇزۇلغانلىقتىن بەدەن ئاجىزلاشقان ياكى باشقا ئېغىر كېسەللىكلەردىن ئەمدىلا ياخشىلانغان دەۋىرلەردە ئاڭلاش قۇۋىتى بەك ئاجىزلاپ قۇلاق غوڭۇلداش كېلىپ چىقىدۇ.
 2). بەدەندە قۇرۇقلۇق بەك ئاشقان ياكى ئاغرىق ئاچ قالغاندا ئىنسان تەبىئىتى ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن ئىلاجىسىز ھالدا بەدەندىكى شەبنەمگە ئوخشاش تارقاق ھۆللۈكلەرگە يۈزلىنىپ ئۇلارنى تارقىتىدۇ. ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. نەتىجىدە ئۇلاردىن چىققان بۇخارلار ھەرىكەتلىنىدۇ. باش ماددىدىن، ئاڭلاش سېزىملىرى يىمەكلىكلەرنىڭ تەسىرىدىن خالىي بولغاچقا ئاڭلاش قۇۋىتى مەزكۇر بۇخارلارنىڭ ھەرىكىتىنى غوڭۇلدىغان ئاۋازدا سېزىدۇ.
    3. مېڭىدىكى بۇخارلارنىڭ تەسىرىدىن قۇلاق غوڭۇلداش كېلىپ چىقىدۇ. 
   1) مېڭە ساھەسىگە ئارتۇق ماددا يىغىلىپ ئۇنىڭدىن قويۇق يەل ياكى بۇخار ئاجرىلىپ چىقىدۇ. ئاڭلاش قۇۋىتى بۇ ھەرىكەتنى غوڭۇلدىغان ھالەتتە سېزىدۇ.
   2) مېڭىدىكى ئارتۇق ماددىلار قۇلاققا قۇيۇلۇپ قۇلاق ئىچكى تۆشۈكىدىكى ھاۋانى سىقىدۇ. ھاۋا توسۇلۇپ ئاڭلاش قۇۋىتىگە گۈركىرىگەن سېزىم بېرىدۇ. ماددىنىڭ قويۇلىشى قانچە داۋاملاشسا، قۇلاقتىكى غوڭۇلداش شۇنچە داۋاملىشىدۇ.
   3) مىزاجنىڭ ئىسسىققا ئۆزگىرىشى، ئاغرىقنىڭ ئىچى تىتىلداپ روھىي جەھەتتە بىئارام بولۇشى قاتارلىقلار خىلىتلارنى قاينىتىپ بۇخارلارنى قوزغايدۇ، ئاڭلاش قۇۋىتى ئۇنى غوڭۇلدىغان ھالەتتە سېزىدۇ.
   4) بۇخارلارنى قوزغاپ مېڭە تەرەپكە چىقىرىدىغان دورىلارنى، مەسىلەن: قارىمۇچ قاتارلىق دورىلارنى كۆپلەپ قىلىش ياكى بۇخارلارنى قوزغاپ، قۇلاق ئىچىدىكى جىم تۇرغان ھاۋانى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى يىمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: سامساق، كۈدە قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ئاڭلاش قۇۋىتى بۇخار ۋە ھاۋالارنىڭ ھەرىكىتىنى غوڭۇلدىغان ھالەتتە ھېس قىلىدۇ.
   ئالامىتى :
  قۇلاقنىڭ كۆرىنىشىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. لېكىن قۇلاق غوڭۇلدايدۇ. ئېغىر بولسا ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدىمۇ قۇلاقنىڭ غوڭۇلدىغانلىقى ئېنىق بىلىنىدۇ. يەڭگىل بولسا ئادەتتە بىلىنمەيدۇ. تىنچ شارائىتتا ياكى كېچىدە ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ كەتكەندە قۇلاق غوڭۇلدىغانلىقى بىلىنىدۇ. 
   1. ئاڭلاش قۇۋىتىنىڭ بەك كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان قۇلاق غوڭۇلداشتا، قۇلاقنىڭ ئاڭلاش قۇۋىتى كۈچلۈك ھەمدە سېزىمى ئۆتكۈر بولىدۇ. بەدەن ساغلام بولۇپ باشقا ھېچقانداق كېسەللىك بولمايدۇ. قۇلاق غوڭۇلداش قورساق ئاچ ۋاقىتلاردا پەسىيىدۇ ياكى ياخشىلىنىو قالىدۇ. كۈچلۈك تاماقلارنى بەك يەپ تويۇنۇپ كەتكەندە كۈچىيىپ كېتىدۇ. 
 2. ئاڭلاش قۇۋىتىنىڭ بەك ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان قۇلاق غوڭۇلداشتا، ئەكسىچە ئاڭلاش قۇۋىتى تۆۋەن بولىدۇ، قورساق توق ۋاقىتلاردا قۇلاق غوڭۇلداش پەسىيىدۇ ياكى ياخشىلىنىپ قالىدۇ، ئاچ قالغاندا ياكى ئوزۇقلىنىش ياخشى بولمىغاندا كۈچىيىپ كېتىدۇ.
   1) ئاغرىقتا ھەزىم بۇزۇلغان، بەدەن ئاجىزلاشقان ياكى باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلىق تارىخى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر بولىدۇ.
   2) بەدەندە قۇرۇقلۇق بەك ئاشقان، ئوزۇقلىنىش ناچارلاشقان دائىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. قۇرۇقلۇق ئاشقان، قورساق ئاچقان ۋاقىتلاردا قۇلاق غوڭۇلداش ئېغىرلىشىدۇ.
   3،  مېڭىدىكى بۇخارلارنىڭ تەسىرىدىن بولغان قۇلاق غوڭۇلداشتا:
   1 ) مېڭە ساھەسىگە  ئارتۇق ماددا يىغىلىپ قالغاچقا باش ئىغىرلىشىدۇ. قويۇق يەل ياكى بۇخارلار تۈپەيلىدىن قۇلاق چىڭقىلىدۇ.
   2) مېڭىدىكى ئارتۇق ماددىلار قۇلاققا  قۇيۇلۇپ قۇلاق ئىچكى تۆشۈكىدىكى ھاۋانى سىققاچقا قۇلاق بىئارام بولىدۇ. قۇلاق سوزۇلغاندەك بىلىنىدۇ، باش ئېغىرلىشىدۇ. ماددىنىڭ قۇيۇلىشى قانچە كۆپ بولسا ۋە داۋاملاشسا، قۇلاقتىكى غوڭۇلداش شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ ۋە داۋاملىشىدۇ. 
   3)  مىزاجنىڭ ئىسسىققا ئۆزگىرىشى، بىمارنىڭ ئىچى تىتىلداپ روھىي جەھەتتىن بىئارام بولىشى قاتارلىقلارنىڭ خىلىتلارنى قاينىتىپ، بۇخارلارنى قوزغىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان  قۇلاق غوڭۇلداشتا ئىسسىق ئالامەتلەر ۋە روھىي ئالامەتلەر بولىد. بەزىدە تەپنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى زاھىر بولىدۇ.
   4) بۇخارلارنى قوزغاپ مېڭىگە چىقىدىغان قارىمۇچقا ئوخشاش دورىلارنى كۆپ ئىچىش ياكى بۇخارلارنى قوزغايدىغان، قۇلاقتىكى جىم تۇرغان ھاۋانى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان سامساق. كۈدىگە ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن بولغان قۇلاق غوڭۇلداشتا بۇ نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان تارىخى بولىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشنى توختاتسا قۇلاق غوڭۇلداش توختاپ قالىدۇ ياكى ئۇزۇنغا قالماي يوقىلىپ كېتىدۇ.
   4. قۇلاقتىكى چاقىلاردىن ئەققان يىرىڭ ۋە سېرىق سۇلار قۇلاق ئىچىگە يىغىلىپ يامان تەسىر قىلغانلىقتىن بولغان قۇلاق غوڭۇلداشتا قۇلاققا چاقا چىقىش، يىرىڭ ۋە سېرىق سۇ چىقىش بىلەن بىرگە قۇلاقتا ئاغرىش، ئىششىشىش، قىزىرىش ئالامەتلىرى بولىدۇ. قۇلاقتىكى ھاشاراتلەر ھەرىكىتىدىن بولغان قۇلاق غوڭۇلداشتا ھاشاراتلار ھەرىكىتىدىن قۇلاق غوڭۇلدايدۇ ھەم ئاغرىيدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button