قۇلاق زەخمىلىنىش
قۇلاق زەخمىلىنىش ھەر خىل تاشقى زەربىلەر تۈپەيلىدىن قۇلاق سۇپىرىسىنىڭ قاتلانغان، سۇنغان زەخمىلەنگەن ياكى يىرتىلغانلىقىغا قارىتىلغان.
سەۋەبى :
قۇلاق سۇپىرىسى گەرچە ناھايتى يۇقىرى دەرىجىدە ئەۋرىشىمچانلىققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن قۇلاقنى قاتتىق تولغاش، تاياق ياكى شاپىلاققا ئوخشاش زەربىلەر قاتتىق تېگىش، قاتتىق سوقۇلۇش- يىقىلىش ياكى تىغ تېگىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن قۇلاق سوپىرىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زەخمىلىنىدۇ يەنى قۇلاق سۇپىرىسى يىرتىلىدۇ ۋە قۇلاق كۆمۈرچىكى سۇنىدۇ ھەتتا ئېزىلىپ كېتىدۇ.
ئالامىتى :
قۇلاق سۇپرىسى كۆمۈرچەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ مۇسكۇللار ناھايتى ئاز، قان تومۇرلار ناھايتى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا زەخمىلەنسە ئىششىق، قىزىرىش، كۆكىرىش، ئاغرىش، قاناشتەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
ئادەتتىكىدەك قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغانلىرىدا گەرچە تېرە بۇزۇلمىسىمۇ، ئەمما تېرە ئاستىدىن قان چىقىپ قۇلاق سۇپىرىسىدا قىزىرىش، ئىششىش، قاناش ئېغىر بولسا كۆكىرىش، قۇلاققا ئازراقلا بىر نەرسە تەگسە ئاغرىشتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تىغ تېگىپ زەخمىلەنسە جاراھەت ئېغىزى رەتلىك، جاراھەت قىرىدىكى تېرە قورۇلغان بولىدۇ. باشقا نەرسىلەردىن زەخمىلەنسە جاراھەت ئېغىزى رەتسىز بولىدۇ ھەمدە كۆمۈرچەكلەر ئۇۋۇلغان، سۇنغان بولىدۇ.
قاتتىق كۈچ تۈپەيلىدىن قۇلاق سۇپىرىسى يۇلۇنغان بولسا، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ياكى تۆۋەندىن يۇقىرىغا مەلۇم دەرىجىدە يىرتىلغان بولىدۇ. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە يىرتىلغانلىرى كۆپرەك بولىدۇ.