قۇلاق كېسەللىكى

قۇلاق ئېقىش

بۇ ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان كېلىنكىدا قۇلاقتا يەڭگىل دەرىجىدە ئاغرىش قىچىشىش ، ئېغىرلىق بولۇپ سىرتقى قۇلاق يولىدىن يىرىڭ ئېقىش بىلەن ئىپادىلنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت
سەۋەبى : بەدەندىكى ھەرقايسى خىلىتلار نورمالسىزلىقى ۋە قۇلاقتىكى ياللۇغلىنىشنىڭ تەرەققى قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ
ئالامىتى :
ئۆتكۈر قۇلاق ياللۇغى بولغاندا پۈتۈن بەدەن قىزىتىش ماغدۇرسىزلىنىش قۇلاق قاتتىق ئاغرىش بىلەن بىللە باش ئاغرىش ئىشتىھا تۇتۇلۇش ، گال ساھەسى يېقىمسىزلىنىش ئاڭلاش سىزىمى تۈۋەنلەش ، قۇلاق غوڭۇلداش ، قۇلاققا سۇ كىرىۋالغاندەك بىلىنىش ، ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ، بۇ مەزگىلدە قۇلاقتىن يىرىڭ ئاقماي سۇ ئاقىدۇ ، يۇقىرقى ئەھۋاللارغا ۋاقتىدا مۇۋاپىق چارە قىلىنمىغاندا ياللۇغ تەرەققى قىلىپ يىرىڭلىق قۇلاق ئاقمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
يەككە دورا بىلەن داۋالاش
 رېتسىپ
ئاقلەيلى ئۇرغى ، بىنەفشە ، كاسىنە يۇپۇرمىقى ، كۆك يۇمغاقسۈت ، ئىتئۈزۈمى يوپۇرمىقى ، ھەربىرى 15 گرامدىن گىل ئەرمىنى 8 گرام
تەييارلاش ئۇسۇلى : دورىلارنى سوقۇپ گىل ئەرمىنى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ
شىپالىق رولى : قۇلاق ئىچى قىزىرىپ ئىششىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ
مۇرەككەپ دورىلاردىن : قوقيا كومۇلىچى ، ئىتتىرفىل كەبىر مادتىل ھايات قاتارلىق دورىلار .تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button