قۇلاق كېسەللىكى

قۇلاق ئاغرىش

      قۇلاق ئاغرىش (ۋەجئۇلئۇزنى، دەردى گۇش) ھەر خىل قۇلاق كېسەللىكلىرىدە قۇلاق ساھەسى ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان قوشۇمچە ئالامەتكە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.
      ئومۇمىي سەۋەبى: قۇلاق ئاغرىشنىڭ سەۋەبلىرىنى يىغىنچاقلىغاندا ئادەتتە تۆۋەندىكى تۆت چوڭ دائىرىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ: 1.مىزاجنىڭ ماددا (خىلىت) سىز ئۆزگىرىشىنىڭ قۇلاققا يامان تەسىر قىلىشى. 2. مىزاجنىڭ ماددا (خىلىت)لىق ئۆزگىرىشىنىڭ قۇلاققا يامان تەسىر قىلىشى. 3. ھەر خىل ئىچكى تاشقى ئامىللار تەسىرىدىن ئىسسىق ياكى سوغۇق يەل (بۇخار) پەيدا بولۇپ قۇلاققا يامان تەسىر قىلىشى ياكى مېڭىدىكى ئارتۇقچە ماددىلارنىڭ قۇلاققا چۈشۈشى. 4. سىرتقى ئامىللارنىڭ قۇلاققا بولغان يامان تەسىرى، مەسىلەن: ئىسسىق ياكى سوغۇق قۇلاق ئىششىقلىرى، قۇلاققا چىققان ھەر خىل جاراھەت-چاقىلارنىڭ قۇلاققا تەسىر قىلىشى ۋە غەيرىي نەرسىلەرنىڭ قۇلاققا كىرىپ كېتىشى قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
     كونكىرېت سەۋەبى:
    1، مىزاجنىڭ ماددا (خىلىت) سىز ئىسسىقتىن ئۆزگىرىشى ياكى ماددا (خىلىت) لىق سوغۇقنىڭ ئۆزگىرىپ بەلغەم ياكى سەۋدا ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.
    2. مىزاجنىڭ ماددا (خىلىت)سىز سوغۇقتىن ئۆزگىرىشى ياكى ماددا (خىلىت) لىق سوغۇقنىڭ ئۆزگىرىپ بەلغەم ياكى سەۋدا ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.
    3. ئاشقازاندىن ئۆرلىگەن بۇخارلار، پار ئارىلاش ئىسسىق ھاۋا قاتارلىقلار قۇلاققا كىرىپ يەلگە ئايلىنىپ قۇلاق ئاغرىشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك قىزىق سۇ ياكى ئارىشاڭ سۇلىرى قۇلاققا تەسىر قىلىپ قۇلاق ئىچىدە ئىسسىق يەل پەيدا قىلىپ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسسىق دورىلارنى قۇلاققا كۆپرەك تاڭغان ياكى تېمىتقانلىقتىن قۇلاقتا ئىسسىق يەل  پەيدا بولۇپ قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.
   4. بەدەندە سوغۇق يەلنىڭ ئېشىپ كېتىشى ياكى سوغۇق شامالنىڭ زىيادە تەسىرى، سوغۇقلىقى ئارتۇق سۇنىڭ باشقا كۆپ قۇيىلىشى ۋە سوغۇق سۇدا كۆپ چۆمۈلۈش، سوغۇق دورىلارنى قۇلاققا كۆپ تېڭىش ۋە تېمىتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن باشنىڭ ئۇششاق تېرە تۆشۈكچىلىرى تارىيىپ يەللەر تارقىلالماي قويۇق يەلگە ئايلىنىپ قۇلاق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.      5  ،  مېڭىدىكى ئارتۇقچە ماددىلار ۋاقتىدا تازىلانمىسا قۇلاققا چۈشۈپ يامان تەسىر پەيدا قىلىپ قۇلاق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
     6. قۇلاقتا يۈز بەرگەن قۇرۇق ئىسسىق خارەكتېرلىك ئىششىق سەۋەبىدىن قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.
    7. قۇلاقتا يۈز بەرگەن ھۆل سوغۇق خاراكتېرلىك ئىششىق سەۋەبىدىن قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.
    8.  قۇلاقتا يۈز بەرگەن ھەر خىل جاراھەت ۋە يىرىڭلىق چاقىلار تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.
    9. قۇلاققا قۇرۇت، چۈمۈلە، كۇمۇتىغا ئوخشاش كىچىك ھاشاراتچىلار ۋە ياغاچ پارچىسى، كىچىك ئاشلىق دانلىرى، ئۈنچە- مارجان قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ كىرىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن قۇلاق ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.
    10. قۇلاققا سۇ كىرىپ كېتىپ ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلمىسە قۇلاقتا ئىششىق پەيدا بولۇپ قىلىپ قۇلاق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    11. قۇلاق كىرى بولۇپمۇ يىرىڭلىىق ئاجرالمىلار قېتىشقاندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن چىقىپ كەتمەي ياكى ئېلىۋىتىلمەي ئۇزۇنغىچە قۇلاق يولىدا تۇرۇپ قالسا قۇلاق يولىنى ئېتىۋېلىش بىلەن بىرگە قۇلاق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    12. قۇلاق ساھەسى سىرتقى جەھەتتىن زەخمىلىنىش، قۇلاق كۆيۈپ قىلىش ياكى ئۈششۈپ قىلىش ، قۇلاقتا يۈز بەرگەن كېسەللىكلەر بولۇپمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان قۇلاق ئېقىش كەلتۈرۈپ چىقارغان  قوشۇمچە كېسەللىكلەر، مەسىلەن: قۇلاق سىرتقى ئۆسۈكچىسىنىڭ ۋەرىمى يەنى قۇلاق ئارقا سۈڭەك پەردىسنىڭ ئاستىغا يىرىڭ يىغىلىش، قۇلاق سىزىم ئەسەبلىرىنىڭ ۋەرىمى، ۋەرىد تومۇرىنىڭ توسۇلۇش خاراكتېرلىك ۋەرىمى، مېڭە پەردىسىنىڭ قۇلاق مەنبەلىك ۋەرىمى قاتارلىقلاردا شۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالامەتلىرىدىن سىرت ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قۇلاق ئاغرىش پەيدا بولىدۇ.
    ئالامىتى: 1. مىزاجنىڭ ماددا (خىلىت) سىز ئسسىقتىن ئۆزگىرىشى ياكى ماددا (خىلىت) لىق ئىسسىقنىڭ ئۆزگىرىپ قان ياكى سەپرا ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا باش، يۈز، كۆزلىرى قىزىق بىلىنىدۇ. قۇلاق ئاغرىش بىلەن بىرگە باش ئاغرىيدۇ. سوغۇق نەرسە ۋە سوغۇق نەرسىلەر خۇشياقىدۇ ياكى ئاغرىق پەسىيىدۇ. كۆز ۋە قۇلاق ئەتراپى قىزارغان بولىدۇ. قۇلاقتا ئوت كۈيۈۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. قۇلاق ئىچى ئېچىشىپ بىئارام بولىدۇ. قۇلاقتىن يىرىڭ، كۆزدىن ياش ئاقىدۇ. سەپرادىن بولغانلىرىدا كۆيۈشكەندەك ئاغرىش كۈچلۈك بولمايدۇ، ئەمما باش ئېغىرراق بولىدۇ.
     2. مىزاجنىڭ ماددا(خىلىت) سىز سوغۇقتىن ئۆزگىرىشى ياكى ماددىلىق سوغۇقنىڭ ئۆزگىرىپ بەلغەم ياكى سەۋدا ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا، قۇلاق ئاغرىش بىلەن بىرگە قۇلاق، باش ئېغىر بولىدۇ. قۇلاققا ھەر خىل ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ. قۇلاق بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى ھۆل بولىدۇ. قۇلاقتا قىچىشىش ۋە قىزىللىق بولمايدۇ. ئىسسىق ھاۋا ۋە ئىسسىق نەرسىلەر خوشياقىدۇ ياكى ئاغرىق پەسىيىدۇ، ئۇيقۇ  كۆپ بولىدۇ.
     3. ئاشقازاندىن ئۆرلىگەن بۇخارلار سەۋەبلىك قۇلاق ئاغرىشتا قۇلاق ئاغرىشتىن سىرت ئاشقازان، قورساق قىسمى ئېسىلىپ ئاغرىيدۇ، قىزىق سۇ ياكى ئارىشاڭ سۇلىرىنىڭ يامان تەسىرى ۋە ئىسسىق دورىلارنى قۇلاققا كۆپ ئىشلىتىشتىن ئىسسىق يەل پەيدا بولۇپ كېلىپ چىققان قۇلاق ئاغرىشتا، قۇلاق ئاغرىشتىن سىرت باش ئاغرىش، يۈز كۆزلىرى قىزىرىش، كۆپ ئۇسساش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.
     4. بەدەندە سوغۇق يەلنىڭ ئېشىپ كېتىشى ياكى سوغۇق شامالنىڭ زىيادە تەسىرى، سوغۇقلۇقى زىيادە سۇنىڭ باشقا كۆپ قۇيۇلىشى ۋە سوغۇق سۇدا كۆپ چۆمۆلۇش، سوغۇق دورىلارنى قۇلاققا  كۆپ ئىشلىتىش تۈپەيلىدىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا، قۇلاق ئاغرىش بىلەن بىرگە باش يەڭگىلرەك ئاغرىيدۇ ھەمدە باش ئېغىر بولىدۇ، قۇلاق غوڭۇلدايدۇ. باشقا ئىسسىق سۇ قۇيۇلسا ئاغرىق پەسىيىدۇ. بەزى ئاغرىقلاردا كۆڭۈل ئېلىشىش، شۆلگەي ئېقىشتەك ئالامەتلەرمۇ بولىدۇ.
    5. مېڭىدىكى ئاتتۇقچە ماددىلار قۇلاققا چۈشۈپ پەيدا بولغان قۇلاق ئاغرىشتا، قۇلاق ئاغرىشتىن سىرت باش ئېغىرلىشىپ ئاغرىيدۇ. قۇلاققا ھەر خىل ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ.
   6. قۇرۇق ئىسسىق خاراكتېرلىق ئىششىقتىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا، قۇلاق قاتتىق لوقۇلداپ ئاغرىيدۇ، بېشى ۋە پىشانىسىدا ئېغىرلىق ھېس قىلىدۇ، يۈزى قىزىرىدۇ. قۇلاق تۆشۈكىدىكى ئىششىقتا قۇلاقتىكى ئاغرىش كۈچلۈك بولمايدۇ. ئىششىق ئېغىز ئالغاندا ئاڭلاش قۇۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئاغرىشمۇ تەدرىجىي ياخشىلىنىدۇ، باشقا يامان ئاقىۋەتلەرمۇ كېلىپ چىقمايدۇ. لېكىن ئىششىق قۇلاقنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولسا ئېغىرراق كېسەللىكلەرنى، كۆپىنچە سەرسام(مېڭە پەردە ياللۇغى) ئوخشاش قوشۇمچە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاغرىقىنڭ ئەستە قالدۇرۇغ قابىلىيىتىمۇ ئاجىزلىشىدۇ. بۇ خىلدىكى قۇلاق ئاغرىشتا داۋاملىق قىزىتما پەيدا بولىدۇ. ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىسا ئاغرىق كۈچىيىپ ئاغرىق ھوشىدىن كېتىش، ئەقلىدىن كېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
   7. ھۆل  سوغۇق خارەكتىرلىك ئىششىقتىن پەيدا بولغان قۇلاق ئاغرىشتا، قۇلاق ئانچە قاتتىق ئاغرىمايدۇ، قۇلاق سوغۇق بىلىنىدۇ.
    8. قۇلاقتا يۈز بەرگەن ھەر خىل جاراھەت ۋە يىرىڭلىق چاقىلاردىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا قۇلاق ئانچە قاتتىق ئاغرىمايدۇ، قۇلاق سوغۇق بىلىنىدۇ.
    9. قۇلاققا قۇرۇت، چۆمۈلە، كۇمۇتىغا ئوخشاش كىچىك ھاشاراتلار كىرىپ كېتىشىدىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا ئاغرىقنىڭ قۇلىقىدا بىر نەرسە ماڭغاندەك قىمىرلاش سېزىمى پەيدا بولىدۇ، قۇلاق قىچىشىدۇ. قۇلاق ئاغرىش ھاشارەت مىدىرلىغاندا كۈچىيىدۇ، مىدىرلىمىسا پەسىيىدۇ. بەزىدە قۇلاقتىن شۇ ھاشارەتلەر چىقىپ كەتسە ئاغرىش توختايدۇ. ياغاچ پارچىسى، كىچىك ئاشلىق دانچىلىرى، ئۈنچە-مارجان قاتارلىق نەرسىلەر كىرىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان قۇلاق يېقىمسىزلىنىپ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاغرىش پەيدا بولىدۇ.
     10. قۇلاققا سۇ كېرىپ كېتىشتىن بولغان قۇلاق ئاغرىشتا، سۇغا چۈمۈلگەن ياكى مۇنچۇغا چۈشكەن تارىخى بولىدۇ. قۇلاققا سۇ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن قۇلاقتا ئېغىرلىشىش، غوڭۇلداش يۈز بېرىپ بارا- بارا ئاغرىش پەيدا بولىدۇ.
    11. قۇلاق كىرى بولۇپمۇ يىرىڭلىق ئاجرالمىلار قېتىشقاندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن چىقىپ كەتمەي ياكى ئېلىۋىتىلمەي ئۇزۇنغىچە قۇلاق يولىدا تۇرۇپ قېلىپ قىلاق يولىنى ئېتىۋىلىشتىن بىرگە كېلىپ چىققان قۇلاق ئاغرىشتا، دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئاغرىش بولمايدۇ، بەلكى قۇلاق پۈتۈپ قالغاندەك بولۇپ بارا-بارا قۇلاق ئاڭلاش سېزىمى تۆۋەنلەيدۇ،. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاستا-ئاستا قۇلاق يېقىمسىزلىنىپ ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ.
   12. قۇلاق ساھەسى سىرتقى جەھەتتىن زەخمىلىنىش، قۇلاق كۆيۈپ قىلىش ياكى  ئۈششۈپ قىلىشتىن كېلىپ چىققان قۇلاق ئاغرىشتا، زەخمىلىنىش، كۈيۈپ قىلىش، ئۈششۈپ قىلىش تارىخى بولىدۇ ھەمدە بۇ كېسەللىكنىڭ مۇناسىپ يەرلىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. ئەسلى كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىر- يەڭگىللىكىگە ئاساسەن قۇلاق ئاغرىشنىڭ دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ.
    باشقا كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىققان قۇلاق ئاغرىشتا ، شۇ كېسەللىكلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالامەتلىرى بولغاندىن سىرت، شۇ كېسەلللىكنىڭ ئېغىر يەڭگىللىك دەرىجىسىگە ئاساسەن قۇلاق ئاغرىشنىڭ دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
    دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار: قۇلاق ئاغرىش يۈز بەرگەندە قۇلاقنى قالايمىقان كولىماسلىق كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن قۇلاق پەردىسى تېشىلىپ، قۇلاق ئاغرىش ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button