قۇلاققا ھاشارەت كىرىپ كېتىش
قۇلاققا ھاشارەت كىرىپ كېتىش ( دۇخۇلى ھەۋام فىلئۇزىنى، دەر ئامەدەنى ھەشىر دەرگۇش) قۇلاقنىڭ تۈشۈكىگە قۇرت، پاشا، چۈمۈلە قاتارلىق نەرسىلەر كىرىپ كېتىپ، قۇلاققا يېقىمسىزلىق ياكى ئاغرىق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا قارىتىلغان.
سەۋەبى: قۇلاققا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ يېزا- قىشلاقلادا، ھاشارەتلەر كۆپ جايلاردا، ئۇخلاپ قالغاندا ھاشارەتلەر ئۆمىلەپ ياكى ئۇچۇپ كىرىپ كېتىدۇ.
ئالامىتى: قۇلاق ئىچىدە ھاشارەتنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ،قۇلاق يېقىمسىزلىنىدۇ ھەتتا ئاغرىيدۇ، بەزىدە ئاڭلاشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
داۋاسى: قۇلاق ئىچىدىكى ھاشارەتنى كۆرگىلى بولسا، ئېھتىيات بىلەن قىسقۇچتا قىسىپ ئېلىۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر ئىكىررەك بولۇپ كۆرۈنمىسە ھەمدە ئالغىلى بولمىسا، ھاشارەت ئۆلتۈرگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىپ ھاشارەتنى ئېقىتىپ چىقىرىۋېتىش ياكى بەزى ئۇسۇل- چارىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق چىقىرۋېتىش كېرەك. ھاشارەت ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئاڭ توغرىغۇنى قىزىق سۇدا ئېرىتىپ %50 لىك ئېرىتمە تەييارلاپ قۇلاققا تېمىتىش ياكى ھۆل ئەفسەنتىن، شەھمەنزەل، شاپتۇل يوپۇرمىقىنىڭ سۈيى قاينىتىلغان سۈيىدىن قايسىبىرى بولسىمۇن شۇنى قۇلاققا تېمىتىش كېرەك. ئۆلگەن ھاشارەتنى چىقىرىش ئۈچۈن سۇيۇقلۇقلار بىلەن ئېقىتىپ چىقىرىشتىن سىرت، يۇڭدىن پەلكۈچ تەييارلاپ، ئېرىتىلگەن شاپتۇل يىلىمى ياكى ھەسەل بىلەن ھۆل قىلىپ قۇلاق ئىچىگە سېلىپ قويسا، ئۆلگەن ھاشارەت پەلكۈچكە چاپلىشىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ ئۇسۇل- چارىلەردىن باشقا، يەنە ھاشارەت قۇلاققا كىرىپ كەتكەندىن بولغان قۇلاق ئاغرىقىنى داۋالاشتا قوللانغان ھاشارەت ئۆلتۈرۈش ۋە ئۇنى چىقىرىش ئۇسۇل- چارە، دورىلىرىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.