تىز بوغۇم سوڭەك ئوسوش كىسەللىكى
تونۇش :
تىز بوغوم سوڭەك ئوسوش كىسەللىكى ھازىر جەمىيتىمىزدە كوپ كورىلىۋاتقان، يول يۇرۇش ،ئولتىرۇپ قوپوش قىيىن بولوش ، ئىغىر بولغانلىرىدا يول يۇرەلمەسلىك ھەتتا ئورنىدىن تۇرالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىك.
سەۋەبى :
سىرىتقى زەخمە ۋە ئۇرۇلۇش سوقولوشتىن تىز بوغومىدا سۇركىلىىش يەنى بوغوم پەردىسى سوڭەك يۇزىدە زەخمە كىلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شۇ سوڭەكنىڭ ئاناتومىيەلىك تۇزۇلىشىدە بۇزۇلۇش ۋە كالتىسىي مىقدارى توۋەنلەش كىلىپ چىقىدۇ . بۇنىڭ بىلەن شۇ سوڭەكنىڭ ئاناتومىيەلىك پۇتۇنلۇكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كالتىسينى تولوقلاش ئۇچۇن قايتا ئوسوش ۋە تولوقلاش يۇز بىرىپ سان سۇپەت جەھەتتىن ئەسلىدىكى مىقداردىن ئىشىپ كىتىش سەۋەپلىك سوڭەك ئوسوكچىسى كىلىپ چىقىدۇ .
خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشى بولوپمۇ غەيرى تەبىي سەۋدا ۋە غەيرى تەبىي بەلغەم خىلىتىنىڭ سان سۇپەت جەھەتتىن ئوزگىرىپ يەرلىك ئورونغا چوكمە چۇشۇپ قان ئايلىنىش ۋە ئوتكونچى يوللارنىڭ راۋانلىغىغا تەسىر يەتكۇزۇپ نورمالنى بوغوم سۇيۇقلقنى بۇزۇپ قىتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يەرلىك ئۇرۇندىكى چۆكمىگە چۈشكەن ماددىلار ۋاقىتنىڭ ئوتوشى بىلەن ئوزىگە كالتىسىي يىغىپ سوڭەك ئوسوكچىسىنى شەكىللەندۇرىدۇ .
سوغوق ئوتكوزۋىلىش ، نەم زەيكەش موھىتتا ياشايدىغانلاردىمۇ يۇقۇردىكىگە ئوخشاش سەۋەپلەر بىلەن يەرلىك ئوروندا سوڭەك ئوسوكچىسى شەكىللىنىدۇ .
بەدىنى زىيادە سىمىز كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ئىغىرلىق بىسىمى تىزغا چۇشىدىغان بولغاچقا تىز بوغومىدا سۇركىلىش سەۋەپلىك ئاستا خاراكتىرلىك زەخمە كىلىپ چىقىپ بۇخىل كىسەللىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .
ئالامەت :
تىز بوغومىدا ئىچىشىپ ۋە چىڭقلىپ ئاغرىش ، كوپرەك يول يۇرگەندە ، ئىغىر ھەركەت قىلغاندا ئاغرىق كۈچۈيۈش، پەلەمپەيگە چىقىپ چۇشۇش قىيىن بولوش ،پەلەمپەيدىن چۇشكەندە تىز بوغوم كۇچسىزلىنىپقالغاندەك بولوپ ئاسانلا يىقىلىپ كىتىش،ھەركەت قىلغاندا تىز بوغومىدىن ئاۋاز چىقىش ، بولوپمۇ پەلەمپەيدىن چۇشكەندە سانچىلىپ ئاغرىش .سوغوق ۋە يامغۇرلۇق كۇنلەردە ئاغرىق كۇچىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ .
دىئاگىنۇز قويوشتا تىپىك كىلنىك ئالامەت ۋە رىنتىگىلىك تەكشۇرۇشكە ئاساسەن ناھايىتى ئاسانلا دىئاگىنۇز قويغىلى بولىدۇ .
داۋالاش :
كىسەللىك مەيلى خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىدىن ياكى باشقا سەۋەپلەردىن كىلىپ چىقىقان بولسۇن دەسلىۋىدە قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ، نىرىپلارنىڭ ئوتكوزوشچانلىقى ۋە ئوتكونچى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش ئۇچۇن موۋاپىق ئۇۋلاش ، ھەركەتلەندۇرۇش ،يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزۇش ئىلىپ بىرىش كىرەك .
قايسى خىلىتنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشىن كىلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا قارتا پۇشۇر غۇچى ( مۇنزىچ ) ، سۇرگۇچى (مۇسھىل) دورىلارنى بىرىپ بەدەن تەنقىيە قىلىنىدۇ، ئاساسى داۋالىغۇچى دورىلاردىن ، ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيىتكۇچى ، سوڭەك ئوسوشنى چەكلىگۇچى دورىلاردىن ‹‹كاپسۇلى سۆرۈنجان،مەجۇنى سۆرۈنجان، ھەببى سۆرۈنجان،مەجۇنى چۆبىچىن،مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ، زىمادى سۈڭەك ئۆسۈش،پاشۆيە›› قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.
رەئىس ئەزالارنى ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ ،قان ئايلىنىشنى جالاندۇرۇپ،بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى ئاشۇرغۇچى دورىلار دىن ‹‹داۋائىل مىشكى، ئەبرىشىم جەۋھىرى ، شىپائى قەلىپ ، جاۋارىش ئەنبەر،خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى،لوبوبى كەبىر، مادىتىلھايات، مەجۇنى سۆلەپ،داۋائى تەرەنجىبىن،ئەنجۈر شەربىتى،›› قاتارلىق دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئالدىنى ئىلىش ۋە پەرھىزى:
سوغوق ئوتوپ قىلىشتىن ، زىيادە ھېرىپ-چارچاش،زۇكام بۇلۇش،ئېغىرجىسمانى ھەركەتلەرنى قىلىشتىن،ئۇزۇن مۇددەت ئۆرەتۇرۇشتىن، زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىش،زىيادە تويۇنۇپ تاماق يىيىشتىن،بولۇپمۇ يەل پەيدا قىلغۇچى،تەستە ھەزىم بۇلىدىغان غىزالاردىن (پولو،مىفەن، مانتا ،خوشاڭ، سامسا ،گۆشگىردە، تونۇركاۋىپى، تاۋاكاۋاپ، موما، گىردە،لەغمەن،گۆشنان،لازا،ئاچچىقسۇ، قېتىق ۋە باشقا سوغۇق ئىچىملىكلەردىن پەرھىز قىلىشى كىرەك ).روھى جەھەتتىن ،ساقىيىشقا ئىشەنچە تۇرغۇزۇش.ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان، لەتىف غىزالاردىن (سۇيقاش، نارىن چۆپ،ئۈگۈرە، شورپا،كاكچا ۋە تەركىبىدە ھەرخىل ۋىتامىنلار ھەم كالتىسى مول بولغان سەي كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى كىرەك )
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : داۋالاش جەريانىدا كۇچەپ ئۇۋلاش ، كوپ ھەركەت قىلدۇرۇپ قايتا زەخمىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.