سۆڭەك كىسەللىكلەر
بەل ئاغرىش
بەختكە يارىشا، ئومۇرتقا بوغۇمى يەنى، ئومۇرتقا ئارا بوغۇم ۋە ئۇنىڭ تەخسە شەكىللىك تۈزۈلۈشى سۇنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سۇ ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ ئۈستىنى قاپلىغان تەخسە شەكىللىك كۆمۈرچەكنىڭ ئاخىرىدا ئومۇرتقا ئارىلىقى تەخسىسىنىڭ مەركىزىدىمۇ ساقلانغان. ئومۇرتقا ئارا بوغۇمدىكى سۇنىڭ سىلىقلاش رولى بار. ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنىڭ مەركىزىدىكى سۇنىڭ يەنە بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمىنىڭ ئېغىرلىقىنى تىرەش رولىمۇ بار. ئادەم بەدىنىنىڭ يۇقىرىقى يېرىمى ئېغىرلىقىنىڭ %75 ىنى ئومۇرتقا ئارىلىقى تەخسە مەركىزىدىكى سۇ تىرەپ تۇرىدۇ. %25 ئومۇرتقا ئارىلىقى تەخسىسى ئەتىراپىدىكى تالالىق توقۇملىلار تىرەپ تۇرىدۇ.