ئولتىرغۇچ نىرۋا ئاغرىقى
ئالامىتى:
ساغرا ۋە پۇتنىڭ ئارقا تەرپى تۇراقلىق ھالدا ئاغرىش،بەزىدە تىز كەينى ئويمىنى، پاقالچاقنىڭ ئارقىسى ۋە تاپانغا قەدەر يىتىپ بارىدو. بەزىلەر بولسا باشقا كىسەللىكلەرنىڭ شىرىكچىلىكىدە ئۇلارنىڭ ئالامىتى سۇپىتىدەياكى باشقا كىسەللىكلەر ئولتىرغۇچ نىرۋىغا زىيان يەتكۇزگەنلىكتىن يۇز بىرىدو دەپ ھىساپلايدو . مۇنداق كىسەللىكلەر ئاساسلىقى سوڭەك ۋە بوغوم كىسەللىكلىردىن ئىبارەت بولىدو.مەسلەن:توققوز كوز-يانپاش بوغوم كىسەللىكلىرى،ئومورىتقا بوغوملىرىغا كومورچەك ئوسوش كىسەللىكى،ئومورىتقىلار ئارىسدا كومورچەك ئوسوپ قىلىش، ئومورىتقا ئوسمىلىرى، ئومورىتقا سىلى قاتارلىقلار؛ يەنە يۇلۇن ئوسمىسى،داس بوشلىغى ئىچىدىكى كىسەللىكلەر—بالاياتقۇ ئوسمىسى، مەزى بىزى كىسەللىكلىرى، ھامىلە بىسىپ قويۇش، قەۋزىيەت ۋە باشقىلار.
ئىرقىننىسانىڭ سەۋەپلىرىدىن يەنە ئولتىرغۇچ نىرۋىغا قاتتىق سوغوق ئوتوپ كىتىش، ئۇرۇلۇش، سوقولوش، بىسىمغا ئۇچراش،ۋەجىئۇلمۇفاسىل ئاسارەت قالدۇرۇش؛ ئاغرىش-تۇتۇق ئاغرىش، سانچىلىپ ئاغرىش، كويوپ ئاغرىش ياكى ئىسىلىپ ئاغرىش قۇسۇسىيەتلىرىدە بولىدو. ماڭغاندا،يوتەلگەندە ۋە چۇش كورگەندە ياكى بەلنى .ئەگگەندە ئاغرىق كۇچىيىپ كىتىش مومكىن. تەكشۇرگەندە ئولتىرغۇچ نىرۋا ئورونلاشقان جاينى بويلاپ بىسىپ بىقىلسا ئاغرىيدو ھەتتا مەزكۇر نىرۋا تارقالغان مۇسكۇللارنى بىسىپ بىقىلسا شۇ جايلارنىڭ گوشلىرىمو ئاغرىيدو،بولوپمو پاقالچاق بۇلجۇڭ گوشلىرى ئاغرىپ كىتىدو.
پاقالچاقنى تۇزلەپ ئاندىن بىمارنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ يۇقۇرغا كوتوروپ پەيدىن پەي تۇزلەنسە قاتتىق ئاغرىق ھاسىل بولىدو.بۇ ئىرقىننىسانىڭ ئالاھىدىكىدور. ھەركەتلەندۇرگەندە ئاغرىيدو،لىكىن سىزىمنىڭ توسقونلوققا ئۇچىرشى ئاز ئۇچرايدۇ.