سۆڭەك كىسەللىكلەرسۆڭەك كېسەللىكلىرى

تاغاق سۈڭىكىنىڭ سۇنۇقى

تاغاق سۈڭىكىنىڭ سۇنۇشى بىر قەدەر كەمرەك ئۇچرايدۇ. بىراق تاغاق سۈڭەك بوغۇم چاچكىسى بىلەن مۈرە چوققىسى قىسمەن ئەھۋاللاردا قۇش تۇمشۇقى قىسمىدا سۇنۇق ئۇچرايدۇ.  بەزىدە تاغاق سۆڭەك تېنى سۇنۇشى مۇمكىن. كۆپ ھاللاردا كىشىلەر يىقىلغاندا ئالىقان ياكى جەينەك يەرگە تەگكەندە ياكى بىۋاسىتە زەربە تاغاق سۈڭىكىگە تەسىر قىلىشىدىن سۇنىدۇ.    

        ئاساسلىق ئالامىتى: ئاغرىش، شۇ تەرەپ مۈچىنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە ئاغرىق كۈچىيىش، باسقاندا ئاغرىش ۋە يەرلىك ئورۇن ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ. ئەگەر قوزغالمىغان بولسا، سۇنۇشنىڭ تۇتۇشىنى تېزلىتىدىغان سۈركەلمىلەرنى تېرە بىلەن تېڭىق ماتىريالىنىڭ سۇنغان تاغاق قىسمىغا قېلىنراق سۈركەپ، سۇنغان تەرەپ قولتۇق بىلەن مۈرىنى ئاساس، ساق تەرەپ مۈرە بىلەن قولتۇق قوشۇمچە قىلىپ تېڭىلىدۇ ياكى سۈركەلمىلەرنى تېرىگە سۈركىگەندىن كېيىن بىر قانچە قەۋەت تېڭىق ماتىريالىنى سۈركەلمىلەرگە قېنىق مىلەپ سۇنغان ئورۇنغا قويۇپ، ئۈستىگە بىر قانچە قەۋەت قۇرۇق تېڭىق ماتىريالىنى قويۇپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن، شۇ تەرەپ جەينەك بوغۇمىنى ئېگىپ، ئۈچ بۇرجەك ياغلىق بىلەن بويۇنغا ئېسىپ قويىلىدۇ. ئەگەر تاغاق بوينى بىلەن يەلكە چوققىسى سۇنۇپ ئورنىدىن قوزغالغان بولسا ، سۇنغان تەرەپ جەينەك بوغۇمىنى ئېگىپ ۋە ئازراقلا سىرتقا كېرىپ تۇرغان ھالەتتە جەينەك بوغۇمى يۇقىرىغا ئىتتىرىلسە ئورنىغا چۈشىدۇ. ئورنىغا چۈشكەندىن كېيىنكى تېڭىش بىلەن تېڭىق ئالماشتۇرۇش ۋە سۇنۇقنىڭ تۇتۇش ۋاقتى ئوقۇرەك سۈڭەك سۇنۇقى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. تاغاق سۇنىقىدا، ئەڭ ياخشىسى ساق تەرەپ يېنىنى بىسىپ يېتىشى، سۇنۇق تەرەپ يېنى بىلەن ئوڭدا يېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.  

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button