سۆڭەك كىسەللىكلەر

مورە ئەتراپ ياللۇغى

تونۇش:

مورە بوغوم ئەتراپ ياللۇغى ئاددى قىلىپ مورە ئەتراپ ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ ئاساسلىقى مورە بوغومى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقولمىلارنىڭ چىكىنىش خاراكتىرلىك ئوزگىرىشى كەلتۇرۇپ چىقارغان مۇسكۇل ، مۇسكۇل پىيى، سىلىق خالتا ۋە مۇسكۇل خالتىسى قاتارلىق مورە بوغومى ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقولمىلارغا تارقالغان ئاستا خاراكتىرلىك ياللۇغلىنىش كىسەللىكىنى كورسىتىدۇ . بۇ خىل كىسەللىك ئوتتىرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ، ئەرلەرگە نىسپەتەن ئاياللاردا، ئوڭ مورىگە قارىغاندا سول مورىدە نىسپەتەن كوپ كورىلىدۇ. كوپونچە ئەھۋالدا بىر تەرەپ مورە بوغومى كىسەللىنىدۇ ، ھەر ئىككى تەرەپ مورە بوغوم ئوخشاش كىسەللەنگۇچىلەر %8 نى ئىگەللەيدۇ . 50 ياش ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كىسەل بولوش نىسپىتى ئەڭ يۇقۇر بولوپ ئوتتىرا ياشلىقلار كىسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . كىسەللەنگەندىن كىيىن مورە بوغومى قاتتىقلىشىپ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ . خۇددى قىتىپقالغاندە بولوپ قالىدۇ . شۇڭلاشقا قىتىشىش خاراكتىرلىك مورە كىسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ .

دىئاگىنۇز ئاساسى :

تىپىك كىلنىك ئالامىتى يەنىي مورە بوغوم ئاغرىش  ۋە ھەركىتى توسقونلۇققا ئۇچراش ، كىسەللىك تارىخىغا يەنىي سوغوق ئوتكۇزۋالغان ، زەخمىلەنگەن ، كىسەللەنگەن تەرەپ مورە بوغومىدا چىقۇق بولغان تارىخىنىڭ بار يوقلىقىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قويولىدۇ

تۇرلەرگە بولونىشى ۋە ئالامىتى :

كىسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن بەشكە بولونىدۇ .

1-   بەلغەم خىلىتىنىڭ غەيرى تەبي ئوزگىرشىدىن كىلىپ چىققان مورە ئەتراپ ياللۇغى

2-   سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبي ئوزگىرشىدىن كىلىپ چىققان مورە ئەتراپ ياللۇغى

3-   بەلغەم سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبي ئوزگىرشىدىن كىلىپ چىققان مورە ئەتراپ ياللۇغى

4-   سوغوق ئوتكوزۋىلىشتن كىلىپ چىققان مورە ئەتراپ ياللۇغى

5- باشقىلار يەنىي زەخمىلىنىش ، مورە بوغوم چىقۇقى ، سۇنۇق قاتارلىقلارنىڭ ئاسارىتى سەۋەبىدىن كىلىپ مورە ئەتراپ ياللۇغى

كىسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن دەرىجىگە بولونشى:

1-  دەرىجە يەڭگىل دەۋرى يەنىي مورە قىسىم ئاغرىش .

2-  دەرىجە ئوتتىرھال دەۋرى يەني ئاغرىش، كورونەرلىك ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش .

3-  دەرىجە ئىغىر دەۋرى يەنىي قىتىشىش دەۋرى .

كىلنىك ئالامىتى :

مورە بوغوم ئاغرىش  ۋە ھەركىتى توسقونلۇققا ئۇچراش ، ھەركەتلەندۇرگەندە مورە ئاغرىش كۇچىيىش ،  قىززىش كورولوش قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ . مورە  قىسىم  بىسلىپ ئاغرىش ، ھەركەت قىلىش ئەپسىز بولوش ، بەزىدە كىچىلىرى ئاغرىپ ئويغۇنۇپ كىتىش ، ئۇخلىغاندا مورىنى بىسىپ  ياتالماسلىق  . قولىنى كەينىگە ئالالماسلىق چىچىنى تارىيالماسلىق ، كيىم كىيىش – سىلىش،  يۇز يۇيۇش ھەركەتلىرىنى قىلالماسلىق . يەرلىك ئورون مۇسكۇللىرى قىتىشىپ قىلىش ، تارتىشىش ياكى يىگلەش ئالامەتلىرى   كورولىدۇ .

ئۇيغۇر تېبابەت دىئاگنۇزى:    مورە ئەتراپ ياللۇغى

غەرىپ تېبابەت دىئاگنۇزى:    مورە ئەتراپ ياللۇغى

داۋالاش پىرىنسىپى :

 1 . روھى جەھەتتە كېسەلدىن ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ، داۋالاشقا تولوق ماسلىشىپ بىرىش تەلەپ قىلىنىپ ، قائىدىلىك پەرۋىش خىزمىتى ۋە پەرھىزى ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ .

3 . ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .

4  . قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى، مورە ئەتىراپ پەي مۇسكۇللىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .

5 . فىزىكىلق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .

6 . رەئىس ئەزالار ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەپ ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button