كىچىك بوغۇملار ئۆتكۈر ياللۇغى
ئالامىتى :
بۇغۇملار خىزمىتى بۇزىلىدۇ.بىمارنىڭ ھەزىم ئىقتىدارى بۇزۇلىدۇ،ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ. بىمارنىڭ مىزاجى ناھايىتى چۇس بۇلۇپ قالىدۇ.بەزىدە يۇرىگى بەك قالايمىقان سالىدۇ،باش قايىدۇ،گال ناھايىتى ئاغرىيدۇ،بەزىدە قۇل-پۇت يەڭگىل ئاغرىش بىلەن تارتىشىش بۇلىدۇ ياكى تالىدۇ ھەمدە تاشقا ئۇخشاش قىتىىپ قالىدۇ،قاتتىق بىئارام بۇلىدۇ.سۇيدۇك مىقدارى ناھايىتى ئاز،قۇيۇق،رەڭگى ئاق ۋە تەمى چۇچۇمەل كىلىدۇ. ئۇندىن كىيىن كىسەللىك شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىدۇ،بىمار ئۇرۇقلاشقا باشلايدۇ.
نىقرەسنىڭ ماددىسى كۇپىنچە پۇتنىڭ ئارقا قىسمىدا،ئۇڭ پۇتنىڭ بارماق بۇغۇملىرىغا چۇشىدۇ،بەزىدە پۇتنىڭ پەنجىسىدە،ھۇشۇق بۇغۇملىرىدا بۇلىدۇ.قۇلنىڭ كىچىك بۇغۇملىرىغىمۇ تەسىر قىلىدۇ،ناھايىيىتى قاتتىق ئاغرىيدۇ،ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ،كىسەللەنگەن بۇغۇم ئىششىغان بۇلۇپ قىززىرىش رۇشەن بۇلىدۇ.قاتتىق ئاغرىقتىن كىسەل كىشى قۇللىرىنى ھەركەتلەندۇرەلمەي قالىدۇ.كىسەل كىشىدە ئازراق جۇغ-جۇغ بىلەن قىززىتما بۇلىدۇ،سەھەردە ئازراق تەرلەش بىلەن قىززىتما قايتىدۇ، ئاغرىق كۇندۇزى يەڭگىل كىچىسى كۇچلۇك بۇلىدۇ.مۇشۇخىل ئەھۋال 1~10 كۇن داۋاملاشقاندىن كىيىن بۇئالامەتلەر تەدرىجى يەڭگىللەشكە باشلايدۇ
داۋالاش:
بۇكىسەللىكنى داۋالاشتا زىيادە سۇغۇقلۇق دۇرىلارنى بىرىشكە بۇلمايدۇ ئۇنداق بۇلمىغاندا مىڭە ۋە يۇرەككە تەسىر بىرىدۇ.ئەگەر سۇغۇق دۇرىلارنى ،ئاغرىق پەسەيىتكۇچى دۇرىلارنى باسقاندا باشقىيىش ياكى كۇڭۇل ئاينىش ،يۇرەك سىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر يۇز بەرسە، بابۇنە ۋە ئاقلەيلى قايناتقان سۇ بىلەن بۇغۇمنى يۇيۇش كىرەك. ئالدى بىلەن ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۇچى،قىززىتمىنى چۇشۇرگۇچى خام دۇرىلارنى مۇنزىچ مۇسھىللارغا قۇشۇپ بىرىپ ئاندىن كىيىن مەخسۇس ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيىتكۇچى دۇرىلار بىرىلىدۇ.