سۆڭەك كىسەللىكلەر

سۇنۇقنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ تۈرى

سۈڭەكنىڭ پۈتۈنلىكى ياكى ئۇلۇنىشلىقىنىڭ بۇزۇلىشى سۇنۇق دەپ ئاتىلىدۇ. سۇنۇقنىڭ سەۋەبلىرى ناھايتى كۆپ. لېكىن ئۇلارنى ئىخچاملىغاندا ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، يىقىلىش، بېسىلىش، سىقىلىش، تولغىنىش، تاش- توقماق ياكى ئوق تېگىش قاتارلىق بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىك زەربىنىڭ سۆڭەككە تەسىر كۆرسىتىشىدىن سۇنۇق پەيدا بولىدۇ. بۇلاردىن سىرت، بەزىدە يىلىكنىڭ يىرىڭلىق ياللۇغى ياكى گۆشلەرنىڭ شىددەتلىك قىسقىرىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ پەيدا بولىدۇ.
      سۇنۇقنىڭ تۈرى بىلەن دەرىجىسى ۋە سۇنۇق شەكلى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: تېرە پۈتۈنلىكىنىڭ بۇزۇلغان – بۇزۇلمىغانلىقىغا قاراپ ئوچۇق سۇنۇق ۋە يىپىق سۇنۇق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. سۇنۇق دەرىجىسىگە قاراپ تولۇق سۇنۇق ۋە قىسمەن سۇنۇق دېگەن ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئالدىنقىسىدا، سۆڭەك بىلەن سۆڭەك پەردىسى ۋە يىلىك پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن بولىدۇ. كېيىنكىسىدە بىر پۈتۈن سۆڭەكنىڭ بىر قىسمى سۇنۇپ، يەنە بىر قىسمىدا سۇنۇق بولمايدۇ. سۇنۇقنىڭ شەكلىگە قاراپ كەسمە سۇنۇق، قىيپاش سۇنۇق، بۇرغىسىمان سۇنۇق، پارچىلانغان سۇنۇق، پاتقان سۇنۇق، بېسىلغان سۇنۇق، ئاجرىغان سۇنۇق، چاك كەتكەن سۇنۇق، ئورنىدىن قوزغالمىغان سۇنۇق، ئورنىدىن قوزغالغان سۇنۇق، ئاددىي سۇنۇق ۋە مۇرەككەپ سۇنۇق دېگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button