سۇنۇقتا كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر بىلەن ئەگەشمە ئاسارەتلەر
سۆڭەك سۇنغان ئورۇن قاتتىق ئاغرىيدۇ، ھەرىكىتى توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ، ئىششىيدۇ ياكى سىرتقى شەكلىدە غەيرىيلىك بولىدۇ. تۇتقاندا ئاغرىق كۈچىيىدۇ. بەزىدە ساختا بوغۇم ھاسىل بولىدۇ. سۇنغان ئورۇننى قىمىرلاتقاندا غۇچۇرلىغان سۈركىلىش ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. ئوچۇق سۇنۇقتا قاناش ئەھۋالى بولىدۇ. يېپىق سۇنۇقتا تېرە كۆكىرىشى مۇمكىن. مۈچىلەرنىڭ ئورنىدىن قوزغالغان سۇنۇقىدا سۇنغان مۈچە قىسقىراپ قالىدۇ. بەزى كىرىشكەن سۇنۇقتا مۈچىنىڭ ھەرىكىتى توسقۇنلىققا ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن، بىراق ئاغرىق بولىدۇ. بەزىدە ئىچكى ئەزالارنىڭ زەخمىلىنىشى بىرگە كېلىشى مۇمكىن. خېلى بىر قىسىم سۇنۇقلاردا ئاغرىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن رەئىس ئەزالار خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، قۇۋۋەتلەر بىردىنلا سۇسلىشىشتىن چىرايى تاتىرىش، سوغۇق تەرلەش، پۇت-قوللار مۇزلاش، بېشى قىيىپ كۆزى قاراڭغۇلىشىش، نەپەسلىنىش بىلەن تومۇرنىڭ ھەرىكىتى تېزلىشىپ سۇسلىشىش قاتارلىق سەدەمەدە كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر پەيدا بولۇپ، ھاياتقا خەۋپ كەلتۈرىدۇ. بىراق يۇقىرىدىكى ئالامەتلەرنىڭ ئېغىر يىنىكلىكى، يارىدارلارنىڭ خىلىت تىپى، سۇنۇقنىڭ ئورۇندىن قوزغىلىش دەرىجىسى ۋە سۇنۇققا ئەگىشىپ كەلگەن ئاسارەتلەر قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭلاشقا تېڭىقچى بولغان كىشى سۇنۇققا دۇچ كەلگەندە، يالغۇز سۈڭەك سۇنغان ئورۇنغىلا دىققەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەر بىلەن ئەگەشمە ئاسارەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەرىجىسىگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇلار سۇنۇقنىڭ داۋالاش ئۇسۇلىنى بەلگىلەش ۋە سۇنۇقنىڭ ساقىيىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
تېڭىقچىلار سۇنۇقتا دىئاگنوز قويۇشتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك:
1. ھەر قانداق خىلدىكى سۇنۇقتا جەخمىلەنگەن تارىخى بولىدۇ.
2. سۇنغان دائىرە ئاغرىيدۇ. لېكىن سۇنغاب ئورۇننىڭ ئاغرىقى ئالاھىدە بولىدۇ.
3 .سۇنغان ئورۇن ئىششىيدۇ ۋە ھەرىكىتى توسقۇنلىققا ئۇچرايدۇ ھەتتا ساختا بوغۇم ھاسىل بولىدۇ ھەمدە سۇنغان ئورۇننىڭ ئەسلىدىكى شەكىل تەكشىلىكى بۇزۇلىدۇ. مەسىلەن: پۇلتىيىپ چىقىش، ئويمان پەيدا بولۇش، قىسقىراش قاتارلىقلار.
4. سۇنغان ئورۇننىڭ ئىككى تەرىپىنى مىدىرلاتقاندا سۈڭەك ئۇچلىرىنىڭ سۈركەلگەن ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. بىراق ئورنىدىن قوزغىلىش ئېغىرراق بولغان سۇنۇق بىلەن پاتقان سۇنۇق ۋە چاك كەتكەن سۇنۇقلاردا بۇ خىل ئاۋاز ئاڭلانمايدۇ ۋە بۇ خىل تەكشۈرۈشتە سەللا قوپاللىق قىلىنسا، گۆش بىلەن تومۇر ۋە ئەسەبلەرنىڭ يېڭى زەخمىلىنىشى پەيدا بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قوللىنىلىدۇ.
5. مۈچىلەر سۇنىقىدا قۇلاقنى سۇنغان ئورۇننىڭ گەۋدىگە يىراق ياكى يېقىن تەرىپىگە قويۇپ، سۇنغان سۈڭەكنىڭ پۇلتىيىپ چىققان قىسمىنى چەككەندە ئاۋازنى ئۆتكۈزمەيدۇ. بىراق ئورنىدىن قوزغالمىغان سۇنۇق، كىرىشكەن سۇنۇق ياكى چاك كەتكەن سۇنۇقلار ئاۋازنى ئۆتكۈزىدۇ. بىراق بەزى سۇنۇقلار مەسىلەن: گۆشلەر تەرەققىي قىلغان ۋە چوڭقۇرراق ئورۇنغا جايلاشقان سۆڭەكنىڭ سۇنۇقىدا سۇنغان ياكى سۇنمىغانلىقىنى سۇنۇقنىڭ شەكلى، سۇنۇقنىڭ دەرىجىسى ۋە سۇنۇقنىڭ تۈرىنى كۆز بىلەن كۆرۈش ۋە قول بىلەن سىيلاش قاتارلىق ئاددىي ئۇسۇللار بىلەن بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا سۇنۇققا دىئاگنوز قويۇشتا، ھازىرقى زامان تېبابەتچىلىكىنىڭ رىنتېگىنلىق تەكشۈرۈش ۋاستىسىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.