سىل مەنبەلىك يانپاش بوغوم ياللۇغى
يانپاش بوغوم بوشلىغى ۋە سان سوڭەك بىىشىغا سىل جاراسىمى ئورونلىشىپ ئۇيەرنى چىرىتىپ تاشلايدىغان كىسەللىك بولوپ ،ئادەتتە10 ياشتىن توۋەن باللاردا كوپ ئۇچرايدو.سانسوڭەك بىشىنى چىرىتىپ ئوڭايلا مەركۇز جايدا سۇنۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپمو قويىدو.
ئالامىتى:
كىسەللىك ئومومەن كىچىك باللاردا بولوپ، بالا ئاخساپ ماڭىدو. يانپاش بوغومى ۋە ئىچكى تەرپىدە ياكى تىزدا ئاغرىق بولىدو.يوتا ساغرىنىڭ گوشلىرى بارغانسىرى ئوروقلاشقا،يىگلەشكە باشلايدو. ئومومەن بىر پۇتى ئۇزۇن ياكى بىر پۇتى قىسقا بولوپ قالىدو، ساغرا چاپلىشىپ يوقولوپ كەتكەندەك كورونىدو ۋو پاقالچاق ئىككى تەرەپكە كېرىلىپ قالىدو.پۇتلار سىرىتقا قايرىلىپ تاش مايماق بولوپ قالىىدو.ساغرا گوشلىرىنىڭ يۇمشاقلىق خۇسۇسىيتى يوقولوپ كىتىدو.بوغوملارنىڭ ھەركەتلىنىشى ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىدو، بەزى چاغدا كىچىسى تارتىشىشلىق ئاغرىق باشلىنىدو، تارتىشىش تۇپەيلىدىن پاقالچاقلار ئارلىقلىرى كىڭىيىپ كىتىشكە باشلايدو. بۇچاغدا قىززىتما بولىدو ۋە يىرىڭلىق ئىششىق ئوچوق ئاشكارە باشلىنىدو.ئۇندىن كىيىن كىسەل كىشىلەرنىڭ پۇتى ياكى كاسسا ياكى ساغرىسى ئىچكى تەرەپكە مايماقلىشىپ قالىدو. كىسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىداساغرىنىڭ ئارقىسى ياكى ئۇستۇنكى توقولمىلىرى يۇمشاقلىشىپ قالىدو ۋە ئەنە شۇ ئاغرىق تەرەپتىكى كىسەلنىڭ پۇتى كۇندىن-كۇنگە تەدرىجى ھالدا كىچىكلىشىشكە باشلايدۇ.