سۆڭەك كىسەللىكلەر

سوزولما بوغوم ياللۇغى

ئالامىتى:

بوغوم ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان تالالىق توقولمىلار،پەي، تارامۇشلار،بوغوم غىلاپ پەردىلىرى، سوڭەك پەردىسى ۋە باشقا ياللۇغلانغان،ئىششىغان بولىدو.بوغوملارنىڭ ھەركەتلىنىشى توسالغۇغا ئۇچرايدو ياكى پۇتۇنلەي ھەركەتلەنمەيدىغان بولوپ قالىدو،شۇنىڭ بىلەن بوغوملار داۋاملىق ئاغرىپ تۇرىدو.

بوغوملارنىڭ توقولمىلىرى قىلىنلاپ ۋە قاتتىقلىشىپ قالىدو. بوغوملارنىڭ ھەركەت قىلىشى توسقونلوققا ئۇچرايدو ياكى پۇتۇنلەي مىدىرلىتالمايدىغان بولوپ قالىدو.بىمار بوغوملارداقاتتىقلىق ۋە ئاغرىشتىن شىكايەت قىلىدو.كىچىسى ئۇخلىغان چاغلاردا ئورون كورپە ئىسسىش بىلەنلا ئاغرىق باشلىنىپ كىتىدو. سوغوق ۋە ھول پەسىللەردە، جۇملىدىن ھاۋا تۇتۇلغان چاغلاردا ئاغرىق كۇچۇيۇشكە باشلايدو.كىسەللەنگەن بوغوملاردا ئازدۇر- كوپتۇر ئىششىق بولىدو.بوغومغا يىقىن خوشنا مۇشەك گوشلەردەگوشلەردە ئاجىزلىشىش ۋە ئوروقلاش پەيدا بولىدو. كىسەل كىشى كوپونچە ھەزىم قىلىش بۇزۇلغانلىقدىن شىكايەت قىلىدو. سوزولما بوغوم ئاغرىش كىسىلى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە دىگۇدەك قىززىتما بولمايدو ياكى ناھايىتى يەڭگىل بولىدو.

سوزولما بوغوم ياللۇغى ئىككى قىسىمغا بولونىدو.

 بىرىنچى قىسمى؛

شىللىق سۇيۇقلۇق رىماتىزىملىق بوغوم ياللۇغى(ھۇدارزۇلالىې)دەپ ئاتىلىپ، بوغوم شىللىق پەردىلىرىدىكى يىپىشقاق سۇيۇقلۇق سۇزۇلۇپ چىقىپ بوغوم ئىچىگە توپلىشىپ قالىدو. شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇنى》بوغوم ئىستىسقاسى《دەپمو ئاتىلىدو. بۇخىل ياللۇغلىنىش كوپونچە تىز بوغومىدا ئۇچرايدو.

ئىككىنچى قىسمى؛

 گوش(مۇسكۇل)رىماتىزىمى(ھۇدار ئەزلىې) بولوپ بۇتۇردە دەسلەپتە ئوتكور رېماتىزىم ئالامەتلىرى كورولىدو. ئومومەن نەملىك،سوغوق تەسىر قىلىشىدىن ۋە سوغوق سەۋدا تەسىردىن كىلىپ چىقىدو. بۇكىسەلگە كوپرەك ياش ئەمگەكچى ئەرلەر ۋە بەدىنى ئاجىز،ئوروق،ماغدۇرسىز ئەرلەر موپتىلا بولىدو. بۇخىل بوغوم ياللۇغى بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ ئاتا بوۋىسىدىن تارتىپ بوغوم ئاغرىغى(ۋەجئۇلمۇفاسىل) كىچىك بوغوملار ياللۇغى(نىقرەس) بىلەن ئاغرىغان تارىخى بولىدو. بوغوملاردا قاتتىقلىق ۋە ئاغرىق بولىدو.كىسەل كىشى ئاغرىق بوغومنى بىسىشتىن ياكى مىدىرلىتىشتىن ياكى شۇئورونغا ئىسسىق تەسىر قىلىشتىن قورقىدو ۋە كىچىسى ئۇخلىغان چاغدا ئاغرىش كۇچىيىپ كىتىدو. بەزىدە بىمارنىڭ بەل قىسمىدا ياكى بورەكلىرىدە قاتتىق ئاغرىش بولىدو.بەزىدە بولسا ئاغرىق بىرقەدە يەڭگىل بولوپ،ھەركەت قىلمىغاندا ئاغرىش سىزىلمەيدو.ئەمما كىسەل كىشىدە قىززىتما بولمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button